ياسىن ھاجى خۇدابەردى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ياسىن ھاجى خۇدابەردى 1917 - يىلى ئاتۇشتا تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ گىمىنازىيە ئوقۇشقا كىرگەن، شۇ مەزگىلدە ئىلغار ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئالتايغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1936 - يىلدىن تارتىپ سۈيدۈڭدە مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلرىى بىلەن شۇغۇللانغان، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ئاساسىن قاتلام ئورۇنلىرىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1950 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە ئىلگىرى - كېيىن ئىلى ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1966 - يىلدىن 1970 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۈرمىدە ياتقان، سۈرگۈن قىلىنغان، 1979 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛ 1980 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان، 1989 - يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ، بىرلەشمىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان، 1990 - يىل 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ياسىن ھاجى خۇدابەردىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1935 - يىلى شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە رېئال تېمىلارغا بېغىشلاپ ۋە ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ <دېھقان ئاكامغا>، <ۋەتىنىم>، <شائىرغا>، <ئوقۇ ئوغلۇم> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان، بىر مۇنچە ھېكايە - نەسرلەرنىمۇ ئېلان قىلغان.
ياسىن ھاجى خۇدابەردىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى <ھايات ساداسى> ناملىق توپلامغا (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) كىرگۈزۈلگەن. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1990 - يىلى ئۇنىڭ <بىز باسقان يوللار> ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان.