مۇھەممەت شانىياز
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مۇھەممەت شانىياز 1943 - يىل 12 - ئايدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1958 - يىل 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، 1981 - يىلغىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىل 4 - ئايدىن تارتىپ <تۇرپان> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى.
مۇھەممەت شانىيازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <ياردەم> ناملىق ھېكايىسى بىلەن رەسمىي باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى، بولۇپمۇ بالىلار ھېكايىسى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئادەم ۋە تاماكا>، <ھۆرمەت>، <ساۋاق>، <دوستلۇق بېكىتى>، <ئالتۇن زەنجىرلىك مېدالىئون> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <كەلگۈسىنىڭ شائىرى> ناملىق قىسسىنى، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە ھېكايىلار> ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا، سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان.
مۇھەممەت شانىياز باشقا ساھەلەردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ <بۇلاق> قاتارلىق نەسرلەرنى، <چىلبۆرىنىڭ ھالاكىتى> قاتارلىق كىنو سىنارىيىلىرىنى، <گۈزەل تۇرپان> ناملىق تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان. <گۈزەل تۇرپان> شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
مۇھەممەت شانىيازنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <دەسلەپكى قەدەم> (1984 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى،<سۈرەتتىكى يىگىت> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار.
مۇھەممەت شانىياز ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.