مەمتىمىن يۈسۈپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن يۈسۈپ 1928 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1943 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1944 - يىلىدىن 1986 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ پارتىيە ئورگانلىرىدا، مەدەنىي - مائارىپ، سياسىي - قانۇن تارماقلىرىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1986 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
مەمتىمىن يۈسۈپ 1940 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ <ھەق سۆزلىمىدى نامەرد>، <جەنۇبتا زىندان> قاتارلىق شېئىرلارنى، درامىلارنى يېزىپ ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ <ھەسرەتلىك پىغان>، <خائىنلارغا نەپرەت> قاتارلىق شېئىرلارنى، <قار ياغدى قانداق> قاتارلىق درامىلارنى يازغان.
مەمتىمىن يۈسۈپ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىش جەھەتتىمۇ ئاز بولمىغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلغان. ئۇ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <16 - ئەسردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى قىدىرخان يەركەندى توغرىسىدا>، <كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ يېڭى باھارىنى قىزغىن كۈتۈۋالايلى>، <دىۋان مەشھۇرى> توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش<، >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش<، >ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىسقىچە بايان< قاتارلىق ماقلىلەرنى ئېلان قىلغان. مەمتىمىن يۈسۈپ يەنە >قۇتادغۇبىلىك< نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان، >دىۋان مەشھۇرى<، >دىۋان قىدىرىنىڭ مۇقەددىمىسى<، >بەھرامگۆر< قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى سسىتېمىلىق نەشر قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، زور تۆھپە قوشقان.
مەمتىمىن يۈسۈپنىڭ >تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن< ناملىق ئەدەبىي، ئىلمىي ئەسەرلەر توپلىمى 1988 - يىل 12 - ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
مەمتىمىن يۈسۈپ ھازىر تەتقىقاتچى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلىمىي تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ >قۇتادغۇبىلىك< ئىلمىي تەتقىقات جەمىئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇلى.