ئابدۇللا شېرىپ ئوغلى خەستە
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئابدۇللا شېرىپ ئوغلى(تەخەللۇسى خەستە) مىلادى 1854 - يىلى يەكەن شەھەر ئىچىدىكى رەستە مەدرىسىدە مۇدەرىسلىك قىلغۇچى شېرىپ ئاخۇن ئىسىملىك ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 17 ياشقا كىرگىچە ئاتىسىنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن ۋە ئۆز ئىلمىي، بەدىئىي ئەدەبىيات جەھەتتە ئۆزلەشتۈرگەن يۇقىرى بىلىيىتى بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان. خەستە مىلادى 1871 - يىلى يەكەندە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان تەرىقەتچى ئىشان موللا نىيازنىڭ تەكلىپى بىلەن تېرە كباغ خانىقاسىدا مۇدەرسلىك قىلىدۇ. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا تېرەكباغ خانىقاسىدىن باشقا يەنە رەستە مەدرىسىدىمۇ مۇدەرىسىلىك قىلىش ۋە ھاپىزلىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مىلادى 1907 - يىلى 53 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى تېرەكباغ خانىقاسىنىڭ مەخسۇس مازارلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
خەستىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى رەستە مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ پىكرى ئوچۇق، ئىلھامى تېز شائىر ئىكەن، ھاپىزلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆز شېئىرلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇيدىكەن. شائىرنىڭ 444 پارچىدىن ئارتۇق غەزەل، مۇرەببە، مۇخەممەس ۋە مۇسەددەستىن جەملەنگەن دىۋانى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقلابى» مەزگىلىدە يوقالغان. ئۇنىڭ شېئىرلىدىن ھازىر ساقلىنىپ، قالغىنى، شائىرنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە خەلق قولىدا ساقلانغان بىر تولۇقسىز قول يازما توپلىمى بولۇپ، توپلام شائىرنىڭ ئەللىك غەزەل، ئون مۇرەببە، ئون مۇخەممەس، ئىككى مۇسەددەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شائىر ئابدۇللا شېرىپ ئوغلى خەستە ئۆز ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خانىقادا ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن (شۇڭلاشقا ئۇ «خانىقائى» تەخەللۇسنىمۇ ئىشلەتكەن)، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا تەرىقەتچىلىك خاھىشلىرى، دىنىي پۇراق خېلى كۈچلۈك. بىز بۇنىڭغا ئەينى دەۋر رېئاللىقى نۇقتىسىدىن توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز، مۇھىمى، شائىرنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى سادىقلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغانلىقىدەك ئىلغار تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.