ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر موللا ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى (قىسۇرى) مىلادى 1717 - يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن يېزىسى بازار مەدرىس ئالدى مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەھمەدنىڭ دادىسى خوجامنىياز ئاخۇن بىلىملىك ئادەم بولۇپ زامانىسىنىڭ ئۆلىماسى ئىكەن.
ئەھمەد باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئۆز دادىسىدىن ئالغاندىن كېيىن، لۈكچۈن ۋاڭلىق مەدرىسى ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ ئۇيغۇر ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرى بىلەن تونۇشقان ھەمدە قلىغا قەلەم ئېلىپ ئەدەبىي ساھەگە قەدەم قويغان.
ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى قەشقەردىكى تالىپلىق ھاياتىنى تاماملاپ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لۈكچۈن ۋاڭلىق مەدرىسىنىڭ مۇدەرسلىكىگە تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئەلەم ئاخۇنلۇق ۋەزىپىسىنىمۇ قوشۇمچە بېجىرگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، شۇ دەۋر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي يىغىلىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شېئىرىي تېپىشماقلارنى تېپىش ئويۇنلىرىنى تەشكىللىگەن.
شائىر «قىسسۇرى» (كەمچىلىك ئۆتكۈزگۈچى) تەخەللۇسىنى قوللىنىپ ئېلىپ بارغان ئىجادىي، ئىلمىي پائالىيىتى داۋامىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە يۇقىرى ھۆرمەت، ئابرۇيغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ، يېقىنقى يىللارغىچە ساقلىنىپ كەلگەن.
شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم ئەسىرى _ «رەۋزەتۇززۇھرا» («زۇھرانىڭ بېغى») بولۇپ، مىلادىيە 1802 - يىلى يېزىلغان.
شائىرنىڭ «تەنبىھ» ناملىق شېئىرىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ساتىرا ژانىرىنىڭ ياخشى نەمۇنىلىرىدىن بىرى خاتىرىلىنىپ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە:
ئول نەدۇر كىم يۈزدۇر ئۇنىڭ بارمىقى،
سەككىز ئاياغ ئۈستىدە تۇرمىقى.
بەش بېشى بار، بەش تېنى بار تۆت جېنى،
نە ئەجەبتۇر بەش بېرىپ تۆت يانمىقى.
بۇ، جەسەتنى تاۋۇتقا سېلىپ دەپنە قىلغىلى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ۋە دەپنە قىلىپ قايتقان تۆت كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئوبرازلىق ئېيتىلغان بۇ شېئىرىي تېپىشماقنىڭ مەزمۇنى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى خېلىلا ئويلاندۇرىدۇ.
خەلقپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر شائىر تەڭسىز زامان ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنۇلارنى يازغانىدى:
«قازاندەك قارايسۇن پەلەكنىڭ يۈزى،
جاپا بىرلە جۈپتۇر ۋاپا بىرلە تاق.
ئەيسادەك كىشىگە بېرىپ بىر ئېشەك،
ئېشەكتەك كىشىگە بېرىپ مىڭ بۇراق.»
شائىر ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى 110 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، 1827 - يىلى ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى تۇيۇققا قويۇلغان بولۇپ، قەبرىسى ھازىرغىچەا ساقلىنىپ كەلمەكتە.