تۇرسۇنئاي يۇنۇس
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس 1941 - يىل 10 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1948 - يىلدىن 1955 - يىلىغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1955 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1983 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئارتىس ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك توقۇلما ماللار شىركىتى ماگىزىنىدا پىركارچىك بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1983 - يىلدىن تارتىپ <ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولغان، ھازىر پېنسىيدە.
تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1981 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <چولپاننىڭ تويى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ <ساداقەت>، <ئۈمىد ئۇچقۇنى> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.
تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <توزۇماس گۈل> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <قىزىل شارپا> (ماھىگۈل پەخرىدىن بىلەن بىللە، 1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
تۇرسۇنئاي يۇنۇس ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.