UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇرسۇن يۇنۇس

تۇرسۇن يۇنۇس

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى دراماتورگ تۇرسۇن يۇنۇس 1942 - يىلى يەكەن ناھىيە ئىچىدىكى كونىشەھەر رايونىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەرۋرى پوسكامدا ئۆتكەن. ئۇ، 1958 - يىلى يەكەن ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭ مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان، 1964 - يىلغىچە شۇ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان، كېيىن شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1988 - يىلدىن ئېتىبارەن <تەڭرىتاغ> كىنو ستودىيىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تۇرسۇن يۇنۇس 80 - يىللاردىن باشلاپ درامىچىلىق جەھەتتە ناھايتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە <قانلىق يىللار>، <كۈتۈلمىگەن توي>، <ئەگرى پاچاققا دوناي توقماق>، <مۇقام ئەجدادلىرى>، <دۇنياۋى تىلسىمات> قاتارلىق درامىلارنى يېزىپ چىققان. <دۇنياۋى تىلسات> قاتارلىق درامىلىرى خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. تۇرسۇن يۇنۇس يەنە كىنو سىنارىيسى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە>، <سۈرگۈن قۇللار>، <مۇقام مەرىكىسى>، <مۇھەببەت مەستانىلىرى> قاتارلىق كىنو سىنارىيىلىرىنى يازغان. <پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە>، <گېلەمچى قىزلار> قاتارلىق كىنو سىنارىيلىرى سۈرەتكە ئېلىنغان. ئۇ يەنە درامىچىلىق ۋە كىنوچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر قىسىم ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <مۇقام ئەجدادلىرى> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق درامىلار توپلىمى، <ئانا ئارزۇسى> (1991 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ، سىنارىيىسىنى يازغان <پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە> ناملىق كىنو خەلقئارا كىنو بايراملىرىغا قاتناشتۇرۇلغان. تۇرسۇن يۇنۇس ھازىر <تەڭرىتاغ> كىنو ستودىيىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تۇرسۇن يۇنۇس | UyghurWiki | UyghurWiki