UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئاماننىساخان

ئاماننىساخان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئاتاقلىق مۇغەننى، سائىرە ئاماننىساخان مىلادىيە 1520 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى مەكىت ناھىيسىنىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى بىر مەھەللىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى بىز پەقەت مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دىن ئالىمىز. بۇ ھەقتە مۆجىزى مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئابدۇرەشىدخان بىر كۈنى كېچىسى بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى بولۇپ، ئەكرەم ئىسىملىك بىر مەھرەمى بىلەن كىردى. ئۇ ئۆي مەھمۇد ئىسىملىك بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئاماننىساخان مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆينىڭ بۇرجىكىدە تۇرغان تەمبۇرنى كۆردى. ساھىبخان بولغان مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. مەھمۇد: (مەن تەمبۇرنى چېلىشنى بىلمەيمەن، بۇ قىزىم تەمبۇرنى ئېلىپ بېرىڭ دەپ خاپا قىلغانلىقتىن ئېلىپ بەرگەنىدىم)، _ دېدى. سۇلتان: «ئۇنداق بولسا قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن»، _ دېدى. مەھمۇد قىزى ئاماننىساخانىمغا تەمبۇر چېلىشنى بۇيرۇدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ «پەنجىگاھ» مۇقامىغا شۇنداق بىر چالدىكى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەيران قالدى. ھەممىدىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ قىز ئۆزى ئېيتقان شېئىرنى مۇقامغا قوشۇپ ئوقۇغاندا، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە بىقارار ئاشىق ۋە بىھۇش بولۇپ كەتتى. ەسلى شېئىر بۇ ئىدى: ساڭا يۈز شۈكۈر، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ، فەقىر مىسكىنگە ئابدۇرەشىدخاننى پاناھ قىلدىڭ... نەفىسى كەچە - كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقد سىغە، (مۇقەددەس) كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا، قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ.» مۆجىزىنىڭ ئېيتىشىچە ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىر سازەندە _ مۇقامچىلا ئەمەس، بەلكى نەفىسى تەخەللۇسلۇق بىر شائىرەنىڭ تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ئون ئۈچ ياشلىق بىر قىزنىڭ بۇنچىلىك تالانتىغا گۇمان بىلەن قاراپ، ئۆز ئالدىدا بىر شېئىر يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىز خانغا قارىتا مۇنۇ فەردنى يازىدۇ: يارەب، بۇ بەندى قىلدى ئەجەپ سۇئى زەن (يامان كۆزى بىلەن قاراش) ماڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا. ئاخىرى خان ئاماننىساخاننى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا يەنە: «بۇ مەلىكە 20 يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. (ئۇ) «دىۋان نەفىسى» نى يازدى. خوتۇن - قىزالارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقىي جەمىلە» «گۈزەل ئەخلاق» ناملىق بىر كىتابنى يازدى. «شورۇھۇلقۇلۇپ» «قەلىبلەر شەرھى» ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، مۇغەننىلىك، خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز، «ئىشرەت ئەنگىز» شادلىق قوزغىغۇچ» ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى.... مەلىكە 34 - يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن بىز ئاماننىساخاننىڭ مىلادىيە 1550 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىمىز. مەلىكە ئاماننىساخان «نەفىسى» قىدىرخان يەركەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مۇزىكا بايلىقى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش ئىشىغا قوشقان ئاجايىپ زور تۆھپىسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئاماننىساخان | UyghurWiki | UyghurWiki