مۇھەممەتئىمىن قۇربانى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە تەزكىرىچى مۇھەممتئىمىن قۇربانى (ئىشقى) 1914 - يىلى قەشقەر شەھىرى ئەنجان كوچىسىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپ باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئاندىن قەشقەردە ئېچىلغان بوغالتېرلىق كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1935 - يىلدىن 1950 - يىلغىچە قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاتلىق 6 - دىۋىزىيە باش شىتابىدا ھېسابات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، سودا، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. ئۇ، 1950 - يىلدىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قەشقەردىكى 13 - دىۋىزىيىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىدە، قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسىدە ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن، 1990 - يىل 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
مۇھەممەتئىمىن قۇرباننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1948 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىلىم ئوقۇ>، <بول ئىتتىپاق>، <بىمارغا مەدھىيە> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <نازاكەتلىك خىيال>، <تاڭ ئاتقۇچە>، <بىر كۈن باھارىم بار>، <نىگار ھەققىدە غەزەل>، <كەلدى نورۇز ئۆزگىچە>، <قەشقەر مەدھىيلىرى>، <ھىجران>، <دوستانە خىتاب>، <مەھبۇبقا>، <قارلىق نەزمىسى> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى <قەشقەر ناۋاسى>، <ياپراقتىكى نەقىشلەر> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
مۇھەممتئىمىن قۇربانى نەسرىي ئەسەرلەرنى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <باغۋەن بىلەن يىلان>، <قېرىنداشلىقنىڭ ئۈلگىسى> قاتارلىق ئىجادىي چۆچەكلەرنى؛ <چىرىگەن ئۈزۈم>، <ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى>، <يالغان دوستنىڭ ۋەدىسى>، <ئەقىللىق توشقان> قاتارلىق مەسەللىك ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
مۇھەممەتئىمىن قۇربانى (ئىشقى) تەزكىرىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، <قۇتلۇق ھاجى شەۋقى>، <كاشا سەنئەت ماكانىدىكى يادىكارلىق - ھېيتگاھ جامەسى> قاتارلىق 30 پارچىدىن كۆپرەك ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ <قەشقەردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن تەرمىلەر> ناملىق كىتابى 1991 - يىلى قەشقەر ئۇيغۈر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.