زۇنۇن تاھىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى زۇنۇن تاھىر 1950 - يىل 11 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1958 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1969 - يىلدىن 1971 - يىلغىچە چارۋىچىلىق مەيدانىدا، 1197 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە غۇلجا ناھىيلىك خەلق بانكىسىدا ئىشلىگەن، 1978 - يىلدىن تارتىپ <ئىلى گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
زۇنۇن تاھىر ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق پائالىيىتىنى دەسلەپ ئەدەبىي ئاخبارات، ئۇچېركلارنى يېزىشتىن باشلىغان، كېيىنچە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1981 - يىلدىن تارتىپ ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ <تەرسا قىز>، <مۆرىمەس> قاتارلىق ھېكايە ۋە پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغان.
زۇنۇن تاھىرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئاخىرقى سۈرەت> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
زۇنۇن تاھىر ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.