UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەمەت تۇەنجاڭ (ئەمەت مەخسۇم)

ئەمەت تۇەنجاڭ (ئەمەت مەخسۇم)

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەمەت مەخسۇم 1903 - يىلى 10 - ئايدا توسۇندا دىنى ئۆلىما مەخسۇم ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كونا مەكتەپتە ئوقۇپ خەت - ساۋاتلىق بولغان. 1933 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى شەرقىي شىنجاڭدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيگەن جىدىي پەيتتە، شېڭ شىسەينىڭ قوماندانلىرىدىن ياڭ فامىلىلىك شىۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق 1100 ئەر كىشىنى ئائىلىسىدىن ئالداپ ئېلىپ چىقىپ توخسۇندىكى بىر قوروغا سولاپ، قىلىچ بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەتخان مەخسۇمنىڭ دادىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش مەقسىتىدە، قولىغا پالتا ئېلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىنقىلاب جەريانىدا قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ تۇەنجاڭ بولغان. 1934 - 1935 - شېڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەربىي ئوفىتسېرلار ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەردىكى 52 - پولىكىنىڭ تۇەنجاڭى بولغان. ئەمەت تۇەنجاڭ ئەسلىدە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قېشىدا كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇرغان. 1940 - يىلى، ئۇ قەشقەردىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئارقىلىق جاڭ جېيشى بىلەن بىرلىشىش تۇغرىسىدا مەركەزگە يوللىغان مەخسۇس تېلېگراممىنى قولغا چۈشۈرۈپ، شېڭ شىسەيگە مەلۇم قىلغان. شېڭ شىسەي ئەمەت تۇەنجاڭغا ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن يولغا چىقىپ، مارالبېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاتىلىق پولكىنى ئۆزگەرتىپ پىيادە پولكىگە تەشكىللەش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە دەرھال چىڭخەي - شىنجاڭ تاش يولىنى ياساشقا ئەۋەتىلگەن. ئەمەت تۇەنجاڭ قارا شەھەرگە كەلگەندە، دەرھال قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، پۇتىغا كىشەن، قولىغا كويزا سېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى