سەلەي قاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە يازغۇچى سەلەي قاسىم 1939 - يىل 5 - ئايدا قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى قوغان يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1953 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1956 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن تارتىپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر پېنسىيدە.
سەلەي قاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى <ئىشچىلار كېزىتى>دە ئېلان قىلىنغان شېئىرىدىن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىر ۋە بىر قىسىم ھېكايىلارنى يېزىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن.
سەلەي قاسىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يېشىل قورغان> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <گۈلچىمەن> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىر ۋە ھېكايىلار توپلىمى، <مېھمان> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
سەلەي قاسىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.