UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئارسلان

ئارسلان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ژۇرنالىست ئارسلان 1946 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىك چېغىدىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا يۇرتى ئاتۇشقا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا ئۇقۇپ تاماملىغان، 1962 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ 1964 - يىلى سىياسىي فاكۇلتېتقا ئوقۇشقا كىرگەن. ئارسلان 1968 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <خوتەن گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - مائارىپ باشقارمىسىدا ئىشلىگەن، 1976 - يىل 6 - ئايدىن تارتىپ <تارىم> ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1996 - يىل 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋاپات بولغان. ئارسلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 60 - يىللاردا شېئىر بىلەن باشلانغان، ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن لىرىك شېئىرلارنى ھەم <يۇلتۇزلار يۇرتى>، <ئاھ، مېنىڭ خەلقىم> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئارسلان يەنە <ھەيكەل>، <ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر> گە ئوخشاش پوۋېستلارنى؛ <سىپايە ئايال>، <ئاق كۆڭۈل خۇشامەتچى> قاتارلىق ھېكايىلارنى يېزىپ، بۇ ساھەدىمۇ مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.ئۇ يەنە <كۈلپەتلىك مۇھەببەت>، <قىساس خەنجىرى> قاتارلىق دراما، كىنو سىنارىيىلىرىنى يازغان؛ باشقا تىللاردىن نۇرغۇن شېئىر، ھېكايە - داستانلارنى، جۈملىدىن <يايلاق بۈركۈتى>، <3 - ئىمپېرىيىنىڭ ھالاكىتى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئارسلاننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ياشلىق يۇلتۇزلىرى> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ئۆلمەس تۇيغۇلار> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، <يۇلتۇزلار يۇرتى> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق داستامى، <سېھىرلىك ھەيكەل> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېسىت - ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن. ئارسلان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئارسلان | UyghurWiki | UyghurWiki