قادىر ئارسلان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى قادىر ئارسلان 1957 - يىلى قۇمۇل شەھەر ئەتراپى يېزىسىدا ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇمۇل شەھىرىدە ئۇقۇپ تاماملىغان، 1965 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <قايتا تەربىيە> ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن، 1979 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قۇمۇل شەھىرى ئاستانە يېزىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن بۇيان <شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى> گېزىتىدە مۇھەررىر، تەھرىر بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
قادىر ئارسلان ساھەسىگە 1978 - يىلدىن تارتىپ پروزىچىلىق ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <تىترىگەن ئاۋاز> قاتارلىق ئونلىغان ھېكايىلارنى؛ <بۇ جاھان ئۇزاق جاھان>، <بىراق، بۇ چۈش ئەمەس!> قاتارلىق بىر قانچە پوۋېستلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
قادىر ئارسلاننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يېڭى پەللە ئۈچۈن> (1982 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <بۇ جاھان ئۇزاق جاھان> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، مۇكاپاتلانغان.
قادىر ئارسلان ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.