ئابدۇ قادىر ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇقادىر ھاجى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەشقەر قازىرىق كەنتىدىكى ھاشىم ھاجى ئىسمىلىك، ئاۋۋال قەشقەر خانلىق «مەدرىسە» دە، كېيىن بۇخارادا ئوقۇغان مۇللا ئائىلىسىدە 1900 - يىللار ئەتراپىدا تۇغۇلىدۇ. 1920 - يىللىرى ھاشىم ھاجى قادىر، زاھىر ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ھەجگە بارىدۇ. ھەج تاۋابتىن قايتىشىدا كىچىك ئوغلى زاھىر ھاجىنى تۈركىيىدە، چوڭ ئوغلى قادىر ھاجىنى موسكۋادا ئوقۇشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. قادىر ھاجى موسكۋا شەرق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ساقچى ئىدارىلىرىدە ئىشلەيدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇ، ئۈچتۈرپان، باي، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم كېلىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ھەر ساھە مۆتىۋەرلىرى ئۈستىدە ئاخبارات توپلايدۇ. كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقلىق، تەربىيە كۆرگەن ئۆزبېك ئايالغا ئۆيلىنىدۇ.
1935 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن يۈي شيۇسۇڭ (ئەسلىي ئىسمى ۋاڭ شۇچىڭ)، مەنسۇر ئەپەندى (ئەسلىي ئىسمى مەشۇر، تەخەللۇسى ۋەتەن ئوغلى) قاتارلىق 25 كىشىنىڭ تەركىبىدە شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساقچى باشلىقى بولىدۇ. ئۇنىڭغا قىرغىزىستان ئەۋەتكەن ساقچى مۇتەخەسسىسى داتقىباي دېگەن قىرغىز، مەسلىھەيچى ۋە ياردەمچى بولىدۇ.
قادىر ھاجى ساقچى باشلىقى بولغان 1935 - يىلى 7 - ئايدىن 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر ساقچى باشقارمىسى ئىچى، ئاخۇنۇمنىڭ يالىقى، دۆڭباغ، ئىچىدىكى گۇڭگاڭ دېگەن تۈرمە قاتارلىق جايلارغا يۈزدىن ئارتۇق ئون مېتىردىن چوڭقۇر ئۆردەك كولىتىدۇ. بۇ يەرگە ئۆزى ئىشلەتكەن ۋە رولى قالمىغان ئاخباراتچىلانى تۇتۇپ تاشلاپ، ئۈستىگە ھاك تۆكۈپ ئۆلتۈرىدۇ.
ئايدۇقادىر ھاجى خەلقنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن «دولىسىغا ئۇرۇپ، يۈرىكىنى مۇجۇش» سىياسىتىنى قوللىنىدۇ. ئۇ قاماققا ئالغان بىگۇناھ خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ بايلىق توپلايدۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە يۇرتىغا ياخشى ئىش قىلغان بولۇپ، «قارىخان پادىشاھىم» (قاراخانىيلار پادىشاھلىقى قەبرىستانلىقى)، «ئوسمان بۇغراخان» قاتارلىق مازارلارنى چۇۋۇپ، مازارلارنىڭ خىشلىرىنى ئېلىپ، بۇلاپ - تالالىغان پۇللىرىدىن ئاز - تولا سەرپ قىلىپ مەكتەپ سالىدۇ.
قادىر ھاجى، داتقىبايلار ماخوسەن قىسملىرى تۇيۇقسىز قەشقەر شەھىرىگە بېسىپ كىرگەندە ئالمان - تالمان قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى قاماقخانىسىدا قامالغان مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق مەھبۇسلار ياتقان كامىرلارغا بېنزىن چېچىپ، ئوت قويۇۋېتىپ، ئاتۇش ئارقىلىق سوۋېتكە چىقىپ كېتىدۇ.