مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي قاراشلىرىنى، ھايات، كىشىلىك ئىنسانىي مۇناسىۋەت مىزانلىرىنى، ئىلىم - مەرىپەت، ۋىجدان، نومۇس، ھايا ..... قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆلچەم ۋە پرنسىپلىرىنى بىر قەدەر چوڭقۇر، ئەتراپلىق شەرھلەپ بەرگەن دىداكتىك ئەسەر _ «سىدىقنامە» نىڭ ئاپتورى مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى مىلادىيە 1715 - يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن.
مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ئۇزاق مەزگىل ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، پەلسەپە ۋە قانۇنچىلىققا دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەپلا قالماستىن، ئەرەب ۋە پارس تىل - ئەدەبىياتى بىلەنمۇ يېقىندىن تونۇشقان. ئۇ ئىسلام پەلسەپىسى، ئەخلاقشۇناسلىق ساھەسىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ئەسىرى _ «قابۇسنامە» نىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغاچقا، شۇ دەۋردىكى قەشقەر ھاكىمى مۇھەممەد ئىبراھىمبەگ كېپەكبەگ ئوغلىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە قوللىشى بىلەن مىلادى 1785 - يىلى «قابۇسنامە» تەقلىتىدە بىر ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ، بۇ ئەسەرنى 1787 - يىلى تاماملىغان ۋە ئۇنىڭغا «سىدىقنامە» دەپ ئىسىم قويغان.
بۇ ھەقتە ئاپتور:
ياشىم يەتمىش بەشكە يەتكەندە كۈرەشتىم تاغ ئىلە،
قازدىم بەھرى يەتكەي دەپ تاغنى تىرناغىم بىلە.»
دەپ يازىدۇ. «سىدىقنامە» ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان 44 بابلىق نەسىرىي ئەسەر بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن دىداكتىك خاراكتېردىكى مۇلاھىزە، شەرھلەرنى، لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە ۋە پەلسەپىۋى بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن، ئۇنىڭدا ئاپتور يەنە بەدىئىي ئەدەبىياتقا خاس بولغان مەجازى ۋاسىتىلەرنى، خەلق ماقال - تەمسىللىرىنى كۆپلەپ، جايىدا قوللىنىدۇ. ئەسەرنىڭ ئارىلىرىغا قىستۇرۇلغان شېئىرلار بولسا، ئەسەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇنى تىل، شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن بەدىئىي ئەسەر تۈسىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن «سىدىقنامە» ئەسىرىنى ئۇيغۇر كلاسسىك پىروزىسىنىو ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يېزىلغان نەمۇنىلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.