ئابلىز نازىرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئاتاقلىق ژۇرنالىست ئابلىز نازىرى 1925 - يىلى تۇرپاندا ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1939 - يىلىغىچە دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئۇقۇغان، 1939 - يىلدىن 1942 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. ئۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى، پىچان قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئابلىز نازىرى 1946 - يىل 7 - ئايلاردا ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن چىقىرىلغان <مەدەنىيەت> ناملىق ئۇنىۋېرسال ژۇرنالدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1947 - يىلى غۇلجىغا بېرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئورگان گېزىتىدە ۋە شىنجاڭدا تىنىچلىق، خەلقىچىللىقنى ھىمايە قىلىش دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان گېزىتىدە ۋە شىنجاڭدا تېنىچلىق، خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى <ئىتتىپاق> تا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1950 - يىل 2 - ئايدا <شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ، بۇ يەردە ياكى 1979 - يىلغىچە ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئابلىز نازىرى 1979 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، بىرلەشمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1980 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان ھەم شۇ يىللاردىن باشلاپ بىر مەزگىل <تارىم> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققان، 1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابلىز نازىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1945 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <سىڭلىمغا> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ <ئارزۇ>، <كۆڭلۈم سەندىدۇر>، <خەت>، <خەير، ئىلى>، <قەشقەر قىزىغا خەت>، <ياشلىق بىزگە ئەبەدىي يولداش>، <پەرھاد بول>، <قار ۋە مايسا>، <مەن ۋە نەۋرەم> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ۋە بەزى ھېكايە، ئۇچېرىك، نەسرلەرنى يازغان. ئابلىز نازىرى كېينكى مەزگىللەردە ئاساسەن مەتبۇئاتچىلىق، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بولغان. ئۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىنى تەشكىللەش، تەربىيلەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، ئابلىز نازىرى يەنە مەتبۇئات سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلىگەن تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئابلىز نازىرىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <چېچەك پەسلى> (1979 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئابلىز نازىرى ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى