سادىن سادىرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر سادىن سادىرى 1942 - يىل 6 - ئايدا يەكەن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يەكەندە ئوقۇپ تاماملاپ، 1955 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1972 - يىلغىچە <شىنجاڭ مائارىپى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1972 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە <يەكەن گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇھەررىرلىك قىلغان، 1979 - يىل 1 - ئايدىن تارتىپ يەنە <شىنجاڭ مائارىپى> ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلىكىنى داۋاملاشتۇرغان، 1986 - يىل 4 - ئايدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
سادىن سادىرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 1955 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە بېسىلغان <ۋەتەن> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <مېنىڭ ناخشام>، <كۈيلەيمەن سېنى>، <دەيمەن ساڭا تەشەككۈر>، <پەيزى بار باھارىمنىڭ>، <يۇرتۇم>، <ئايدىڭدىكى ئورما>، <مۇھەببەت> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.
سادىن سادىرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قەلب كۈيلىرى> (1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <مەجنۇنتال> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىر توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى <يۈرەك ئالقىشى> قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
سادىن سادىرى ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.