باشباي
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
باشباي 1889 - يىلى چاغانتوقاي ناھىيىسىنىڭ جىيەك يېزىسىدا ئوتتۇراھال چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1907 - يىلىدىن 1917 - يىلىغىچە ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئارتالى دېگەن يېرىدە، 1919 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە چاغانتوقايدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مۇشۇ جەرياندا خەلق ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان.
1936 - يىلى چۆچەكتە ئېلېكتىر ئىستانىسىسى قۇرماقچى بولغاندا، باشباي باشقا ئىئانىچىلار قاتارىدا، 700 قوشقار، 70 ئات، 70 كالا ئىئانە قىلغان. 1940 - يىلى يايونغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغاندا، باشباي 500 تۇياق ئىگەر جابدۇقلۇق ئات ياردەم بەرگەن. 1941 - يىلى ئىمىل دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ چۆچەك بىلەن چاغانتوقاي ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغاندا، توققۇز ئاي ۋاقىت چىقىرىپ ئىمىل دەرياسىغا 87 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئالتە مېتىر كەڭلىكتە كۆۋرۈك سېلىپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ بەرگەن. يەنە شۇ يىلى (1941 - يىلى) سوۋېت ۋەتەن ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغاندا، باشباي ياراملىق 200 ھەربى ئات ياردەم بەرگەن. 1944 - يىلى چاغانتوقايدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە قارشى قۇرۇلغان تەشكىلاتقا قاتناشقان ۋە تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات - تەرغىبىيات ئىشلىرىنى ئىشلىگەن.
1945 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۆچەك ئازاد قىلىنىپ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تارباتاي ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلغاندا باشباي ۋالى بولدى. باشباي ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قايسى ھەرىكەت ۋە چاقىرىقلاردا ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇردى. 1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى «غەلىبە زايومى» تارقاتقاندا باشباي بىر مىليون دوللار (ئۈچ ۋىلايەت پۇلى) لىق زايوم سېتىۋالغانىدى. شۇ يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ كىيىم - كېچەك، ئوزۇق - تۈلۈكى ئۈچۈن 1000 تۇياق قوشقار ياردەم قىلدى. 1946 - يىلى قىشتا، مىللىي ئارمىيىگە 100 كالا، 300 قوي ياردەم بېرىدۇ. 1947 - يىلى 9 - ئايدا ئالتايدا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە باشباي ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسىگە 250 ئات ياردەم بېرىدۇ. باشباي ئىتتىپاقلىققا تولىمۇ ئېتىۋار بېرەتتى. 1947 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسى ئۈچىنچى ئېتىۋار بېرەتتى. 1947 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسى ئۈچىنچى پولكىدىكى بىر نەچچە جەڭچى ھاراق ئىچىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، باشباي ھەربىي سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوللاپ، «ئارمىيىمىز گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى، بىرەر مىللەتكە قارشى، ئەمەس كىم بىگۇنا ئادەم ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك» دەيدۇ. يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كېلىپ چاغانتوقايدا تۇرۇپ قالغان خى شۇ شىڭ، ۋاڭ زىڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆي سېلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئۇلارغا مال ۋە يەر بەرگەن.
باشباي ئۆلكە ئازاد بولغان كۈنلەردە، ئازادلىق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش بىلەن بىرگە 4000 پۇت بۇغداي، 40 كالا بىلەن ھال سورىغان.
ئازادلىقتىن كېيىن باشباي ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغان. سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1950 - يىلى «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش» ھەرىكتىدە، بىر دانە قىرغۇچ ئايروپىلان بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە 100 ئات، 100 كالا، 1000 قوي، 100 سەر ئالتۇن بېرىدۇ.
باشباي باشتىن ئاخىر مەدەنىي - مائارىپنى قوللاپ كەلگەن. ئۇ، 1936 - يىلى چاغانتوقاي ناھىيىسىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سېلىنغاندا پۈتۈن چىقىمنىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ 500 قوي بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىكى ئۈچۈن ئاشلىق ۋە قوي بېرىدۇ. كالا ياردەم بېرىدۇ. 1937 - يىلى چۆچەك خەلق كۇلۇبى، 1936 - يىلدىكى چۆچەك گىمنازىيسى (ھازىرقى ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆپ ياردەم بەردى.
باشباي چارۋىچىلىق قىلىش جەريانىدا، قوي نەسلى ۋە تۈرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ، ئاخىر «باشباي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى» نى يېتىشتۈرىدۇ.
باشباي 1953 - يىلى دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئىچكى ئۆلكىلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۆمىكى بىلەن ئىچكى ئۆلكىگە بارغاندا كېسەل سەۋەبى بىلەن 1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خاڭجۇدا 58 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ جەسىتى ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنىپ چاغانتوقايدا دەپنە قىلىنىدى.
1957 - يىلى چاغانتوقايدا ھۆكۈمەت خۇسۇسىلار شىرىكچىلىكىدىكى چارۋا مەيدان (فىرمىسى) قۇرۇلىدۇ. باشباي ئائىلىسى بۇ فىرمىگە 7334 تۇياق قوي، 125 ئۆچكە، 973 ئات، 125 كالا، 52 تۆگە قوشىدۇ. بۇ فىرمىنىڭ چارۋىلىرى فريوم (تاللانغاندا) قىلىنغاندا، باشباينىڭ چوڭ قۇيرۇقلۇق قويىدىن 4000 تۇيىقى بىرىنچى دەرىجىلىك قوي بولۇپ ئايرىلىدۇ.