UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇرىيە ئېلاخۇن

نۇرىيە ئېلاخۇن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر نۇرىيە ئېلاخۇن 1939 - يىلى غۇلجا ناھىيسىنىڭ روزىمەتيۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1955 - يىلدىن 1957 - يىلغىچە ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، غۇلجا ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر پېنسىيدە. نۇرىيە ئېلاخۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <سالام> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <باھار كەلدى يۇرتۇمغا>، <سۇ بىلەن سۆھبەت>، <ئاق ئۆرۈك>، <يۇرت مېھرى> قاتارلىق كىشلەر سۆيۈپ كىشلەر ئوقۇيدىغان شېئىرلارنى يازغان. نۇرىيە ئېلاخۇننىڭ نەشر قىلنغان ئەسەرلىرىدىن <باھار شادلىقى> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <قەلب ئىزھارى> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <پەرزەنت ئىشقى> (1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. نۇرىيە ئېلاخۇن ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى