قۇتب
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قۇتب نىزامىيىنىڭ «خەمسە» سىدىن ئورۇن ئالغان فارس تىلىدىكى «خۇسراۋ ۋە شېرىن» داستانىنى تۇنجى قېتىم تۈركىي تىلدا، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب، يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىجادىي ئىشلەپ چىققانلىقى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
قۇتب ئالتۇن ئوردا شائىرلىرىدىن بولۇپ، 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان. شەرقشۇناس ئالىم ئا. تاھىرجانوۋ «خۇسراۋ ۋە شېرىن» داستانىنى 1330 - 1336 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان دەپ تەكىتلەيدۇ. قۇتب داستانىنىڭ «كىتاب نەزم قىلماققا سەبەب بايان ئايۇر» بابىدا بېرىلگەن سەتىرىلەردىن شائىرنىڭ داستاننى يېزىپ ئالتۇن ئوردا خانلىرىدىن بولغان تانىبەگكە تەقدىم قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئېغىر شارائىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۆپ ۋاقىت سەپەر ئازابى ئىچىدە ئۆتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن، شائىرنىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.
«خۇسراۋا ۋە شېرىن» داستانى مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تىن كېيىنكى نادىر نەمۇنە بولۇشقا مۇناسىپ. قۇتب نىزامىنىڭ شۇ ناملىق داستانىنى تۈركىي تىلدا قايتا ئىشلەش داۋامىدا، ئۇنى ئۆزىنىڭ غايىسى، ئىدىيىسى، 14 - ئەسىرنىڭ سىياسىي - ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى ۋە بۇ مەقسەتكە مۇۋاپپەقىيەت بىلەن يېتىپ، «خۇسراۋ ۋە شېرىن» داستانىنى ئانا تىلدا يارىتىلغان، يۈكسەك غايىۋى - بەدىئىيلىككە ئىگە بولغان نادىر ئەسەر قىلىپ ئىشلەپ چىقتى.
«خۇسراۋ ۋە شېرىن» داستانى 100 بابتىن ئىبارەت بولغان، ئالتە مىڭدىن كۆپرەك بېيىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ سيۇژىتقا ئىگە يىرىك ئەدەبىي يادىكارلىق بولۇپ، قۇتب ئۆزىنىڭ بۇ داستانى ئارقىلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈكسەك بىر نەمۇنە تىكلىدى، داستاننىڭ ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغان، 1383 - 1384 - يىللىرى كۆچۈرۈلگەن قول يازما نۇسخىسى پارىژدىكى دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.