ھاكىمبەگ خوجا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھاكىمبەگ خوجا (غىياسىدىن بەگ) بەھرىمبەگ خوجا ئوغلى 1871 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1892 - يىلى ئۇنىڭ 8 - ئەجدادى ئىلىياسخان خوجا (بوۋاق ھېكىم) ۋاپات بولغاندا، 21 يېشىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ يارلىقى بىلەن تەيجى ھەم ھاكىمبەگ بولغان.
ھاكىمبەگ خوجا دەۋرىدىن باشلاپ (ئەسلىدىكى ئىلىغا تەۋە بولغان 80 شاڭيولۇق يېزا) غۇلجا شەھەر ئەتراپى كېڭەيتىلىدۇ. بۇ يىللاردا ھاكىمبەگ خوجا قارادۆڭ - ئاقسۇ مەسچىتىدىن گۈلشەنباغقىچە بولغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى مەھەللە قىلىپ سىرتتىن كەلگەنلەرگە ئولتۇراق جاي قىلىپ بېرىدۇ.
ھاكىمبەگ خوجا ياڭ، جىن دەۋرىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى ئەزاسى بولغان.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ۋاقتىدا ئىئانە توپلاش ھەيئىتىنىڭ رەئىس بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىئانە قىلىدۇ ۋە خەلقنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئىلىنىڭ سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى تۈزۈشتە زور كۈچ چىقىرىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ بىلەن «11 ماددىلىق بېتىم» ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى بولۇپ، 1949 - يىلى 10 - ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىدى.
1950 - يىلى ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ۋالىلىقنى 4 - ئوغلى قېيىمبەگكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ دەم ئېلىشقا چىقتى. شۇ كۈنلەردە شەخس مۈلكىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇردى.
1951 - يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن 400 كارۋاتلىق بىر دوختۇرخانا ياسىتىپ خەلققە تەقدىم قىلدى. شۇ كۈنلەردە ھاكىمبەگ خوجا ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولدى. ھاكىمبەگ خوجا 197 - يىلى 8 - ماي غۇلجىدا 86 يېشىدا ۋاپات بولدى.