ئابلىمىت سادىق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست ئابلىمىت سادىق 1941 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1948 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان، 1955 - يلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1959 - يىلى پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1988 - يىلغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان<تارىم> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1989 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، <مىراس> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1996 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابلىمىت سادىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1952 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ۋەتەن> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <يېڭى باغنىڭ مېۋىسى>، <19 ياشلىق يىگىتكە> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئابلىمىت سادىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بارلىقىنى ژۇرنالچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. ئۇ، <تارىم> ژۇرنىلىنىڭ 200 دىن ئارتۇق سانىنى ياخشى، سۈپەتلىك چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن. <مىراس> ژۇرنىلىنىمۇ ياخشى سۈپەتلىك چىقىرىشقا تىرىشقان.
ئابلىمىت سادىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى> دىن بىر قانچە توم نەشر قىلدۇرغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، ساقلاش، نەشر قىلدۇرۇش جەھەتلەردە، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى <ئۈچ توپلام> خىزمىتىدە ئاز بولمىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئىشلىگەن.
ئابلىمىت سادىق ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىياتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.