UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇرغۇن يىلتىز

تۇرغۇن يىلتىز

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز 1962 - يىلى ئۆكتەبىردە خوتەن لوپ ناھىيسىنىڭ بۇيا يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1968 - يىلدىن 1981 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىنلەردە ئوقۇغان، 1981 - يىلدىن 1986 - يىلغىچە <خوتەن گېزىتى> تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر، مۇھەررىربولۇپ ئىشلىگەن؛ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان ۋە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا خەنزۇ تىلىدىن بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ، 1987 - يىلدىن تارتىپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە. تۇرغۇن يىلتىز 1978 - يىلى <خوتەن گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <دوستۇمغا> ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كەلگەن، ھازىرغىچە 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، <ئاق پەرى>، <سۆيگۈ ئارخىپى>، <ئىلاھىي سۆيگۈ> قاتارلىق يەتتە داستانى، <قۇياش قىسسىسى>، <قىزىلگۈل باللادىسى>، <يوقالغان قانات> قاتارلىق توققۇز پارچە باللادىسى ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ياكى نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنغان، <ھۇرۇننىڭ تەرجىمھالى> قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرىي چۆچەكلىرى ھەمدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، نەزەرىيىۋى ماقالىسى كىتابخانلار ئارىسىدا بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان. تۇرغۇن يىلتىزنىڭ <ئاچقۇچ ئېسىۋالغان بالا> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1996 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، <سۆيگۈ ئارخىپى> ناملىق داستانلار توپلىمى 1996 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇ نەشرگە تەييارلىغان <ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى>(9)، <مۇھەببەت لىرىكىلىرى>، <قامچا>، <>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى< جەۋھەرلىرى> ناملىق كىتابلار ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. تۇرغۇن يىلتىز 1989 - يىلدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تۇرغۇن يىلتىز | UyghurWiki | UyghurWiki