سەئىد ئەھمەد
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر سەئىد ئەھمەد ئەمىر تۆمۈر كوراگانىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى مىرانشاھنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ياشىغان دەۋرى 15 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.
ئەلىشىر نەۋائى «مەجالسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىنىڭ يەتتىنچى مەجلىسىدە سەئىد ئەھمەد توغرىسىدا توختىلىپ: «سەيىد ئەھمەد مىرزا _ تەبىئىتى ساغلام، زېھنى ساپ كىشى ئىدى. شېئىرىيەتنىڭ غەزەل ۋە مەسنەۋى تۈرلىرىدە ھەم تۈركچە ھەم فارسچىدا خېلى مەشھۇر نەزمىلىرى بار. غەزەللىرىدىن تۈزگەن دىۋانىمۇ بار. مەسنەۋىلەر ئىچىدە (لەتافەتنامە) ئۇنىڭ ئەسىرى....» دەپ يازغان.
يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز سەئىد ئەھمەدنىڭ تۈركىي ۋە فارىسىيىدىن ئىبارەت ئىككى تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز دەۋرىدىلا تونۇلغان شائىرلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىزگە پەقەت ئۇنىڭ «تەئەششۇقنامە» ناملىق داستانى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، نەۋائى «مەجالسۇن نەفائىس» تا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن غەزەللەر دىۋانى بىلەن مەسنەۋى شەكلىدىكى «لەتافەتنامە» ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
سەئىد ئەھمەدنىڭ نامە ژانىرىدىكى، مەسنەۋى شەكلىدە تۈزۈلگەن «تەئەششۇقنامە» ناملىق داستانى ھىجرىيە 839 - (مىلادىيە 1435 - 1436 .) يىلى يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي ئون باب 319 بېيتتىن تەشكىل تاپقان بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ پاك مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك، سەمىمىيلىك ۋە ساداقەت ھەمدە جەمئىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرى گۈزەل لىرىك تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
«تەئەششۇقنامە» داستانىنىڭ بىردىنبىر قول يازما نۇسخىسى بۈيۈك بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. 1927 - يىلىدىن باشلاپ بۇ ئەسەر خىلمۇ خىل نۇسخىلاردا ئېلان قىلىندى، توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى.