UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇرمۇھەممەت بوساقوپ

نۇرمۇھەممەت بوساقوپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ژۇرنالىست نۇر مۇھەممەت بوساقوپ 1918 - يىلى غۇلجىدا سوپۇنچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەلۇماتىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان، 1935 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇش ئۈچۈن پىيادە مېڭىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن، لېكىن ئىقتىسادىي شارائىت يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالماي، 1936 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> باسما زاۋۇتىغا نابورچىك بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ، 1944 - يىلى غۇلجىغا قايتىپ كەتكەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلانغاندا ئارمىيە تەركىبىگە كىرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىنچە غۇلجىدا گېزىت چىقىرىلغاندا، گېزىتنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1950 - يىل 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى ئالەمدىن ئۆتكەن. نۇرمۇھەممەت بوساقوپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1937 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە <نۇر بوساقوپ> نامىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ئېلان قىلغان ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلاردىن بولۇپ قالغان. نۇرمۇھەممەت بوساقوپنىڭ <يېڭىلمەس كۈچ> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1951 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرى <گۈدۈك> ناملىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نۇرمۇھەممەت بوساقوپ | UyghurWiki | UyghurWiki