UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەمتىمىن بارى

مەمتىمىن بارى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ژۇرنالىست بارى 1939 - يىلى قاراقاش ناھىيسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1964 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1968 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ 1992 - يىلىغىچە <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى> دە مۇھەررىر. مەمتىمىن بارىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى پائالىيىتى 1958 - يىلى <خوتەن گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <مەكتىپىم> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە بالىلار شېئىرلىرىنى ئاساس قىلغان 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى <ئۈمىد غۇنچىلىرى>، <بىزنىڭ ئەۋلاد>، <سالام، يۇلتۇزلار>، <ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 1996 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن <دام - دام - دام> (ھەسەن تىلىۋالدى بىلەن بىللە) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. مەمتىمىن بارىنىڭ بەزى شېئىرلىرى بىر قانچە قېتىم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مەمتىمىن بارى كاندىدات ئالىي مۇھەررى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەمتىمىن بارى | UyghurWiki | UyghurWiki