غەيرەتجان ئوسمان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتچىسى غەيرەتجان ئوسمان 1958 - يىل 6 - ئايدا قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى قوغان يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل يېزىدا چېنىققان، 1978 - يىل 3 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان، 1983 - يىل 2 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، ھازىرغىچە شۇ فاكۇلتېتتا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى دەرىسى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
غەيرەت ئوسمان ئەدەبىيات ساھەسىگە 1980 - يىلى <ئاممىۋى مەدەنىيەت> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <كۈلىمەن> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، تۇنجى ئىلمىي ماقلىسى - <ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تارىختىكى ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولى> 1983 - يىلى <شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى>دا ئېلان قىلىنغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئاساسىي زېھىني كۈچىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا قارىتىپ، ھازىرغىچە <>ئوغۇزنامە< ھەققىدە مۇلاھىزە>، <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى> قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى>، <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى> قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان ھەم ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، يەنە ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> Ⅰ، Ⅲ توملارنى، <ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئاساسلىرى> نىڭ <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى> قىسمىنى يېزىشقا قاتناشقان.
غەيرەتجان ئوسماننىڭ <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس> (1987 - يىل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
غەيرەتجان ئوسمان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.