ئىمىن ئەخمىدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەخمىدى 1944 - يىل 4 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ياندۇما يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا، ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1960 - يىلدىن 1962 - يىلغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن؛ 1986 - يىلدىن 1997 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئىمىن ئەخمىدى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1959 - يىل 10 - ئايدا <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئۆكتەبىر>، <تارىم باغرىدا چېچەك ئېچىلدى> ناملىق شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <قەبرە>، <ياشلىقىم سەندە قالسا ئىدى ۋەتەن>، <ھايات يىلتىزى>، <تەنھا لىرىكىلار>، <ئانام>، <ۋىسال ئارزۇلىرى>، <ساھىلدىكى ئارمانلار>، <كۆيگەن تاغلار> قاتارلىق يۈزلىگەن شېئىرلارنى؛ <گۈلگۈن دالالار>، <مۇقەددەس سېپىل>، <ھاياتىم>، <مېنىڭ قەلبىم دالىلاردا> قاتارلىق لىرىك داستانلارنى يېزىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان.
ئىمىن ئەخمىدى دراما ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئابلەت قەييۇم بىلەن ئىجادىي ھەمكارلىقتا <مۆلچەر تاغ بورانلىرى> ناملىق درامىنى يېزىپ چىققان. ئۇ دراما ئۆزگىچە مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە مەملىكەتلىك دراما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئىمىن ئەخمىدى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ، نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىسىر يازغۇچىسى نەجىپ مەھبۇزنىڭ <ھېجران كوچىسى> رومانىنى، جۇڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچىسى جۇكېجىننىڭ <شۈي ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى> رومانىنى (باشقىلار بىلەن بىللە)، ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق ھېكايە - شېئىرلىرىنى، ئەدەبىي ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ساھەدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان.
ئىمىن ئەخمىدىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <بەخت ناخشىسى> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - داستانلار توپلىمى، <گۈلگۈن دالالار> (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ، <سۆيۈلگەن يىللار> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان.
ئىمىن ئەخمىدى ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.