UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسەيد مۇھەممەد

سەيد مۇھەممەد

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سەيد مۇھەممەد ھەيد مۇھەممەد ئوغلى («سىيىت مۇھەممەد قاشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆزىنىڭ «شەرھى شىكەستە» («روھى سۇنغانلىقنىڭ بايانى») داستانى بىلەن 18 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ «شەرھى شىكەستە» داستانى 1882 - يىلى يېزىلغان. ئۇ ئۆز داستانىنى 60 ياشتىن ئۆتكەندە يازغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇ بويىچە قارىغاندا،ق شائىرنى 1820-، 1821 - يىللىرى دۇنياغا كەلگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شائىرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ كەلگەن، يۇرتىنى بىلدۈرىدىغان «قارشى» دېگەن شەرتلىك ئىسىمغا ۋە داستاندا ئېيتىلغان: «ئالتۇن ئۆستەڭ بىز كۆچەرمىز يۈز تۈمەن ئەمگەك بىلە، جايلىشىپ مەنزىل تۇتۇپكىم يۇرت بولالماقلىق مۇھال.» دېگەن مىسرالارغا ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ئاساسىي دەريالارنىڭ بىرى بولغان قاش دەرياسى ۋادىسىدىكى قاش يېزىسىنىڭ ئالتۇن ئۆستەڭ كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن. شائىر سەيد مۇھەممەد «شەرھى شىكەستە» دە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1864 - يىلدىكى مەشھۇر خەلق قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ غەلىبە مېۋىسىنىڭ جاھانگىرلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتكەنلكى، ئىلى ئاھالىسىنىڭ قورقۇش ۋە ئالداش ئىچىدە يەتتە سۇغا كۆچۈش جەريانى ھەمدە كۆچكەندىن كېيىنكى ئېغىر كۈنلىرىنى ناھايىتى روشەن سۈرەتلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇ داستاننى شۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ قىممەتلىك تارىخىي ھۈججىتى دېيىشكە بولىدۇ. «شەرھى شكەستە» داستانى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، بەدىئىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. 1864 - يىلدىكى كۈرەشلەرگە بىۋاستە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەردە باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن تەقدىرداش بولغان شائىر ئەسىرىدە خەلقنىڭ ئوبرازى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، شائىر ئالداش، قايمۇقتۇرۇش ئاستىدا يۇرتىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خەلق ئاغزىدىن مۇنۇلارنى بېرىدۇ: «ئەلۋىدائ دەپ بىز كېتەرمىز، ئىلە شەھىرى ياخشى قال، مۈلك ئىمارەت، جايۇ مەنزىل، ئەرزۇ بەھرى ياخشى قال. ئاتا - بابالار ئۆتۈپ، مۇنداغ بەلانى كۆرمىگەن، بىزگە كەلدى بۇ قازا ھەم باغۇ - بوستان ياخشى قال.» شائىرنىڭ خەلقپەرۋەرلىك روھى داستانىنىڭ ئاخىرىدىكى: «ھەم ئۆزۈمنىڭ دەردى بار، پۇقرالار ئۈچۈن غەم يېدىم،» دېگەن مىسرالاردا روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. سەيد مۇھەممەدنىڭ «شەرھى شكەست» داستانى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا رېئال تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەينەن يۇرتۇپ بېرىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن رېئالسىتىك ئەدەبىياتنىڭ بىر نادىر ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي، تىل ۋە تارىخ جەھەتتىمۇ مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى