توختاش بەكرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر توختاش بەكرى 1937 - يىلى غۇلجا ناھىيسىنىڭ گەمە مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن 1958 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1960 - يىلدىن 1962 - يىلغىچە <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسىدا ئىشلىگەن، 1962 - يىلدىن 1980 - يىلغىچە سول لۇشىيەننىڭ كاساپىتىدىن يېزىلاردا دېھقانچىلىق قىلغان. توختاش بەكرى 1980 - يىلدىن تارتىپ غۇلجا ناھىيلىك دارىلمۇئەللىمىندا، ناھىيلىك سىياسىي كېڭىشىدا ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
توختاش بەكرىنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى سابىق <شىنجاڭ ياشلىرى> گېزىتىدە قىلىنغان <قۇرۇلتاي> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان، بولۇپمۇ بالىلار شېئىرلىرى جەھەتتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، يۈزلىگەن شېئىرىي تېپىشماقلىرى، شېئىرىي چۆچەكلىرى، شېئىرىي مەسەللىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. توختاش بەكرى يەنە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <پۇل بەرمىگەن بىلەن>، <يولدا> قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان.
توختاش بەكرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۇ، نېمە> (1984 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئۇ، نېمە> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ۋالاقتەگكەنلەر> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئوغلاق، خوراز ۋە ئاسلانچاق> (1996 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار ۋە ھېكايىلار توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
توختاش بەكرى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.