UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسەمەت دۇگايلى

سەمەت دۇگايلى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى سەمەت دۇگايلى 1947 - يىل 7 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا 1961 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1967 - يىلى ھەربىي سەپتىن ئايرىلىپ، قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تەرجىمان، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1985 - يىلدىن 1991 - يىلىغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. سەمەت دۇگايلى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسلىقى پروزا ۋە دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <نۇرلۇق قەلبلەر>، <گۈلئايىم> رومانلىرىنى، <تۇمانلىق قىرغاق>، <گۈزەلىك ئىزدىمە، ئۇ سەندە>، <كىچىك لەقۋا> پوۋېستلىرىنى، نۇرغۇنلىغان ھېكايىلارنى ۋە <رابىئە - سەئىدىن>، <شائىر ئۆلمەيدۇ> قاتارلىق درامىلارنى يازغان. سەمەت دۇگايلىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <جۇشقۇن ئېقىم> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <غۇنچىمەن> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <نۇرلۇق قەلىبلەر> (1985 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <قاچقۇن كارۋان> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <گۈلئايىم> (1989 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. سەمەت دۇگايلى ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سەمەت دۇگايلى | UyghurWiki | UyghurWiki