UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتاش ئاخۇن (تاشۋاي)

تاش ئاخۇن (تاشۋاي)

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تاش ئاخۇن (1851 - 1937) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر شەھىرىدە ئاتاقلىق ئاتا مىراس تۆت باي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى باقى ئاخۇن (تورغاي)، ئۇ قانچە پۇلدار بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي - ساددىي يۈرۈيدىغان، چوڭ سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرستىشنى خالىمايدىغان پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تاش ئاخۇن ئىسىملىك بىر بالىسى بارئىدى. تاش ئاخۇن ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن، قەشقەردىكى مەدرىسىدە دىنىي بىلىم ئالىدۇ ۋە ساۋاقداشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئىگىسى بولۇپ يېتىلىدۇ. تاش ئاخۇن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا شوخ ۋە ئەركە ئۆسكەن بالا بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ مەرت ۋە پالۋان (نوچى) بولۇپ يېتىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇ چاغلاردا راۋاب چالالايدىغان ۋە ناخشا ئوقۇشنى بىلىدىغان بولۇش - مەرتلىك - نوچىلىقنىڭ بىر شەرتى بولغاچقا، ئۇ بۇ شەرتنى ھازىرلاش ئۈچۈن، قەشقەر قارقۇ (قارقى) دەۋازىسىدا ناۋايلىق قىلىدىغان تاھىر ئۇستامغا ھەق تۆلەپ، راۋابچىلىق ۋە ناۋايچىلىقنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇمچە بايۋەچچىلىك ھايات يولىنى ئۆزگەرتىپ، راۋابنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ، مەدرىسلەرگىمۇ راۋابنى كۆتۈرۈپ بارىدۇ. بۇنداق ھالەتنى ياقتۇرمىغان مەدرىس موللىسى تاشۋاينى مەسخىرە قىلىپ: - ئىلمى تالىپ بولساڭچۇ، ئابدال راۋابچى بولغۇچە، نان سېتىپ تەۋەڭدە، بازاردا ۋەيران بولغۇچە، - دەيدۇ. تاش ئاخۇن ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا: - ئىشلەپ يېمەي ئەلدىن كۈتۈش كوللۇم ھارام، قوي دۇئانى، ئىشلەسەنمۇ، ماڭا ۋەزدان بولغىچە، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، خەلپەت ۋە مۇدەررىسلەر تاش ئاخۇنغا باشقىچە قارايدۇ. تاش ئاخۇننىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى ياقتۇرمايدۇ. لېكىن نائىلاجلىقتىن بۇ يالغۇز ئوغلىنىڭ رايىغا باقىدۇ. مەدرىستىن قالغان تاش ئاخۇن قەشقەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىدا تۆت ناۋايخانا ۋە پاناھسىزلارغا ئاتاپ بىر ساماۋەرخانا ئاچىدۇ. ئۆزى ھەر قايسى ۋە پاناھسىزلارغا ئاتاپ بىر ساماۋەرخانا ئاچىدۇ. ئۆزى ھەرقايسى چوڭ سۇرۇنلارغا بېرىپ راۋاب ئاڭلاپ. قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي راۋاب چېلىشتا داڭق چىقىرىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئەزاندىن ئىلگىرى راۋاب چېلىپ شەھەر كوچىسىنى ئايلىنىپ داۋاملىق مەشق قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا كىرىشىدۇ. تاش ئاخۇن كامالەتكە يېتىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى راۋابچىلاردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ئەنجاندا مەتەك ئاقساقال دېگەن قەشقەر ئاۋاتلىق داڭلىق راۋابچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئەنجانغا چىقىپ، بەسلىشىپ شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان چاغلىرىدا ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، چىڭ خاندانلىقى ھاكىمىيتى قايتىدىن تىكلىنىدۇ. زوزۇڭتاڭ قەشقەردە بىر مەزگىل بۇلاڭ - تالاڭچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا باشقىلار قاتارىدا تاش ئاخۇننىڭ دادىسىمۇ قاماققا ئېلىنىدۇۇ. تاش ئاخۇن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل ناۋايلىق قىلىش بىلەن دادىسىنى باقىدۇ. ئۇ چاغلاردا گۇناھكارلارنى ھەر جۈمە كۈنى يامۇل ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ مەجبۇرى تىلەمچىلىك قىلغۇزىدىغان ئادەت بار ئىدى. تاش ئاخۇن گۇندىپايلارنىڭ قەبىھلىكلىرى گۇناھكارلارنىڭ نالە - زارلىرىغا ئاساسەن «گۇندىپاي»، «نالەش»، «پىغان»، «ئاق قۇشقاچمۇ دان يەيدۇ» قاتارلىق پەدە (مۇزىكا) لارنى ئىجاد قىلىدۇ. بۇ مۇزىكىلاردا كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاھ - زارلىرىنى ئىپادىلەنگەنىدى. كېيىن تۈرمىگە ئوت كېتىپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتارىدا تاش ئاخۇننىڭ دادىسىمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا تاش ئاخۇن تۆت ئۆزگىزىشىلىك «ئاتەش»، «ئوت» دېگەن مۇزىكا (پەدە) ئىجاد قىلىدۇ. بۇ مۇزىكىدىن تەسىرلەنگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا قايىل بولغان ھالدا: بۇ ھەقىقەتەن «ھال» پەدە ئىكەن(مۇڭلۇق دېمەكچى)، «تاش ئاخۇننىڭ ئىلىمگە بەرمىگەن دىلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىشقىۋاز قولىنى ئېلىپ قالسا بولىدىكەن» دېيىشكەنىدى. تاش ئاخۇن ھاياتىدا ئالتە شەھەر (جەنۇبى شىنجاڭ) ھەتتا ئوتتۇرا ئاسيادا داڭلق مۇقامچى بولغاندىن تاشقىرى، «گۇندىپاي»، «نالە»، «پىغان»، («نالەش»، «پىغان» مۇزىكىلىرى 40 - يىللارغىچە سەھنىدە ئورۇندالغانىدى)، «ئاق قۇشقاچم دان يەيدۇ»، «ئاتەش»، «توي»، «ھازا»، «تورغاي»، «قارلىغاچ» قاتارلىق جانۋارلار سايرىشىنى تەقلىد قىلىدىغان مۇزىكىلانى، «ئوردام»، «سۇلتان»، «ئىشانمۇسىز، موللاممۇ يا؟» قاتارلىق ساتىرىك ناخشىلارنى ھەمدە زامانىمىزغىچە شۆھرەت قازانغان «تاشۋاي» قاتارلىق ئاجايىپ جۇشقۇن ۋە مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى، يەنە كۆپلىگەن خەلق ناخشىلىرىنى كۆپ خىل ئۆزگىرىشلىك قىلىپ، رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇپ چىقتى. تاش ئاخۇن راۋاب بىلەن ھەرقانداق پەدىنى ئورۇنداشتىن بۇرۇن ئۇنى مۇقامنىڭ چوڭ نەغمىسى بىلەن باشلاپ، مۇقام روھىنى ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىجادىغا تەدبىقلاش جەھەتتە ئۈلگىلىك رول ئويىنغان. ئۇنىڭ يەنە بەزى جەڭگىۋار تېكىستلاردىنمۇ ئىجاد قىلىغانلىقى مەلۇم. تاش ئاخۇننىڭ بايلىقىنى تەرك ئېتىپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئارىلاپ راۋاب چېلىپ يۈرگەنلىكى شۇ زاماننىڭ بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ قازى - كالانلىرى ۋە بايلىرىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغانچقا، ئۇنى مەسخىرە قىلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن دىلى رەنجىگەن تاش ئاخۇن مەككە - مەدىنىنى تاۋاپ قىلىش قارارىغا كەلگەن. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇنىڭ دوست - بۇرادەرلىرى، راۋاب ئاشىقلىرى جەم بولۇشۇپ، ئۇنى قەشقەر شەھىرىدە يېڭىسارغىچە ئۇزىتىپ بارغان. تاش ئاخۇن قەشقەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، «كېلەرمەنمۇ»،«ئەلۋىدا»، «توققۇز بۇلاق» مۇزىكلىرىنى ئورۇنداپ ئەل بىلەن خوشلاشقان. كەڭ خەلق تاش ئاخۇننىڭ نامىنى ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ «توققۇز بۇلاق» مۇزىكىسىنى «تاشۋاي» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. تاش ئاخۇن ھەج قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردە قېلىپ ھەرەمدە ناۋايلىق قىلغان تۇنجى ئۇيغۇرلادىن بولۇپ قالىدۇ. 1937 - يىلى قەشقەرلىك ئۆمەرباي ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندە، تاش ئاخۇننىڭ يۇرتداشلارغا بولغان سېغىنىشى ۋە خەيرىخاھلىقىنى سۆزلەش بىلەن ئۇنىڭ 86 يېشىدا ھەرەمدە ۋاپات بولغانلىقىنى قەشقەر خەلقىگە يەتكۈزىدۇ. تاشۋاي پۈتۈن ھاياتىنى راۋاب چېلىش، مۇقام ئوقۇش ۋە مۇزىكا ئىجاد قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تاش ئاخۇن (تاشۋاي) | UyghurWiki | UyghurWiki