مەمتىلى توختاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شائىر مەمتىلى توختاجى (تەخەللۇسى: «تەۋپىق» )تەۋپىق - توغرا يول تاللىغۇچى مەنىسدە. 1901 - يىلى ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولۇپ، ئوغلى سەككىز ياشقا كىرگەن چاغدا ئۇنى ئاتۇشتىكى تۇنجى مەكتەپ - ھەبب زادە مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەرگەن.
يېڭى مەكتەپتە ئوقۇش، ئەھمەد كامالغا ئوخشاش ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى توختاجىنىڭ يېڭىچە دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يېڭى مائارىپىنىڭ، ھازىرقى زامان پەن - مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم رولىنى تونۇپ، تىرىشىپ ئىلىم - پەن ئىگىلەپ، ئۆزىنى مائارىپ خىزمىتىگە ئاتاشقا بەل باغلىغان.
1920 - ، 1921 - يىللىرى توختاجى تېۋىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىلى، بورتالا، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارغاندا مەمتىلىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن. مەمتىلى بۇ سەپىرىدە فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتىسىيە، جاھالەت ئىسكەنجىسىدە ئىڭراپ ياتقان خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئۇچراشقان. ئۇ چۆچەككە بارغاندا ساتىراشلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇ كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. 1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندە، چۆچەكتە تۇرۇۋاتقان شائىر مەمتىلى «ئوقۇدى - ئاشتى» ناملىق مەرسىيىسىنى يېزىپ، «ئەخلاقىنى پۈچەك پۇلغا ساتىدىغان جاھالەت ھامىيلىرىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامغا بولغان ھۆرمىتى، تەزىيىسىنى ئىپادىلگەن.
«ئوقودى - ئاشتى» ناملىق شېئىر خەلق ئىچىگە تېز تارقىلىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىنىڭ جېنىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، مەمتىلى توختاجى يوشۇرۇن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان. شۇڭلاشقا ئۇ دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە ياردىمى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. مەمتىلى توختاجى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر تەرەپتىن تىرىكچىلىك ئوقىتى قىلىپ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، داۋاملىق ئوقوش ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىگەن ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا موسكۋادا شەرق دارىلفۇنۇنىغا كىرىپ ئوقوش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بىر يېرىم يىل ئوقوغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئايرىلىپ قارادېڭىزس بويلىرىدىكى پورتلاردا ئاشپەزلىك، كاۋاپچىلىق قىلغان. ئۇ ئەتكەن مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەپ، ئۇ ئېيتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىچىكىشىپ قېلىشقان تۈركىيە پاراخوت خادىملىرى ئۇنىڭ ئىزچىل ئوقوش ئارزۇسىغا ھېسداشلىق قىلىپ، 1926 - يىلى كۈزدە ئۇنى تۈركىيىگە ئېلىپ كەتكەن.
شائىر مەمتىلى توختاجى ئىستانبولدا شىنجاڭلىق مۇساپىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقوتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپنىڭ قارا خىزمەتچىلىكىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ، مۇئەللىملەر دەرس ئۆتكەندە ئىشىك، دېرىزە تۈۋىدە دەرس ئاڭلاپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇرغان، ئۇزۇن ئۆتمەي، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ئىلتىماسى ۋە قىزغىنلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوقوشقا قوبۇل قىلغان مەمتىلى توختاجى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبول شەھەر ئەتراپىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقوتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
30 - يىللار شىنجاڭ تارىخىدا بوران - چاپقۇنلۇق يىللار بولدى. قۇمۇلدىن كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى شۇرىن ئەكسيىەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. ھەر خىل سىياسىي كۈچلەر تەڭلا سەھنىگە چىقىپ، ئىچكى ئۇرۇش، يېغلىقلار ئەۋج ئالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، دەۋر تەلىپى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە ئويغىنىش، يېڭى مەدەنىيەت - ئاقارتىش دولقۇنى بارلىققا كەلدى. شائىر مەمتىلى توختاجى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1932 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن.
ئوت يۈرەك شائىر 1933 - يىلدىن ئېتىبارەن ئۆز يۇرتى ئاتۇشتا يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ تەشۋىقات - تەرغىبات ۋە تەشكىلىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ناھىيىلىك مائارىپ ھەيئىتى قۇرۇپ، يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىشنىڭ تەشكىلىي ۋە مالىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان. ئارقىدىنلا ناھىيىدە ئىككى ئايلىق كۇرس ئېچىپ، 61 - كۇرسانتنى ئوقوتقۇچى قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرى ۋە يېزىلاردا جەمئىي 24 مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدىن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش - ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
شائىر مەمتىلى توختاجىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئىجادىيتىدە ناخشا تېكىستلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېزىپ ئاھاڭغا سېلىشى بىلەن « بىر - مۇئەللىم»، «ۋەتەن ئۈچۈن»، «قۇتۇلۇش يولىدا»، «مۇبارەك ۋەتەن»، «ئويغان، خەلق»، «قۇتۇلدۇق»، «بىز ئۇيغۇر بالىلىرى»، «ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن»، «بىز ۋەتەن ياشلىرى»، «ئەي، ئانا يەر»، «ئېرپان كۈنلىرى»، «ئەي، ۋەتەن خەلقى»، «بۇرادەرلەر»، «ئالتۇن ئۆلكە»، «قۇياش تۇغقاندا»، «باھار كەلدى»، «ئىزچىلار مارشى»، «مەكتەپ ئىرۇر»، «كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ»، «تەنقىد» قاتارلىق ناخشىلار مەيدانغا كەلگەن ۋە تارقالغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئويغان،خەلق» ،«ئىزچىلار مارشى»، «بىز ئوقوغۇچى»، («ئوقوغۇچىلار مارشى» دەپمۇ ئاتالغان) ناملىق ناخشىلار شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار ئەينى چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭغا كەڭ تارقالغانىدى. شائىر «ئويغان، خەلق» ناملىق شېئىرىدا:
«ئويغان خەلق يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،
مەكتەپ بىلەن چىراغ ياققىن نۇرغا تولدۇر.
پۈتسۇن ئەمدى زۇلمەت دەۋرى ئىستىبدات،
شۇم تەقدىردىن، قار كۈندىن بول ئازاد.
سائادىتىڭ ئۈچۈن تىرىش، ھىممەت قىل،
پەرزەنتلەرنى ئاقارتىشتا خىزمەت قىل.
دەس تۇر ئەمدى، ئاتلان خىزمەت يولىغا،
ھۇما قۇشى قونسۇن ئەۋلاد قولىغا.»
دەپ يازغانىدى.
مەمتىلى ئەپەندى 1935 - يىلى يازدا يۈز نەپەر ئوقوغۇچىنى تاللاپ «ئىزچىلار ئەترىتى» تەشكىللىگەن. ئەترەت ئەزالىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا ماش رەڭدە بويالغان بىر خىل ئۈست كىيىم، ئوخشاش سومكا ئاسقان ھالدا «ئىزچىلار مارشى» نى ياڭرىتىپ پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى پىيادە ئايلىنىپ، يېڭى مائارىپنى تەشۋىق قىلغان. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان مىللىي قوشۇن قوماندانى، مەرىپەتپەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. مەھمۇت مۇھىتى مەرىپەت دۈشمەنلىرىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە قىلىۋاتقان تىل - ھاقارەت، ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى ئەسكەر ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ،ئۇلاردىن مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەمتىلى ئەپەندى بۇ خەتنى ئوقوش يۈزىسىدىن ئاتۇش مەشھەدتە ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ يىغىندا سۆز قىلىپ: «. . . يۇرت خەلقىنى ئاسارەتنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇئەللىملىك كەسپىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ دەپ تاللاپ ئالغانمەن، قاچاندۇر بىر كۈنى مېنى ئالتە پۇڭلۇق قوغۇشۇن ئوق ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى مۇمكىن. لېكىن مەن ئاشۇ كۈننى كۈتىمەن. چۈنكى مەن ۋەتەن يولىدا، مەرىپەت يولىدا ئىسسىق قېنىمنى تۆكۈشتىن زادى قايتايمەن» (ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدىن ئوچېرىكلار» نىڭ 117 -، 118 -، بەتلىرىگە قاراڭ.) دەپ، ئۆزىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ۋە قەسىمىنى كۆپچىلىككە جاكارلىغان.
1937 - يىلنىڭ باشلىرىدا جاللات شېڭ شىسەي شىنجاڭدا ئاق تېررورلۇق ۋەزىيىتى پەيدا قىلىپ، تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر تېررورلۇق ۋەزىيىتى پەيدا قىلىپ، تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنى تۈرلۈك بەتناملار بىلەن باستۇردى، قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى. شۇ يىلى ئاپرېلدا مەمتىلى توختاجىمۇ دەرس ئۆتۈۋاتقان يېرىدىلا قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە تاشلاندى. شائىر تۈرمە تاملىرىنى جەڭگىۋار شېئىرلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى نامايىش قىلدى. بىر شېئىرىدا ئۇ مۇنۇلارنى يازغانىدى:
«ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر،
كۈندە مۇشۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.»
شۇ يىلى ئىيۇلدا جاللات شېڭ شىسەينىڭ قان ئىچەر غالچىلىرى قەشقەرنى تاشلاپ قاچقاندا، تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىپ، شائىر مەمتىلى توختاجى قاتارلىق بىر تۈركۈم زىيالىيلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى. شائىرنىڭ جەسىتىنى ئۇنىڭ ئاكىسى نىزامىددىن، ئوغلى رېشىت ۋە يەنە تۆت كىشى بىرلىكتە مەخپىي ھالدا يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى ھەمدە ئاتا - ئانىسىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلدى. دەپنە قىلغۇچىلار ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتىنڭ ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەينى ۋاقىتتا شائىرنىڭ قەبرىسىنى سىر قىلىپ ساقلىغانىدى. شائىرنىڭ يېرىم ئەسىر يوشۇرۇنغان قەبرىسى 1986 - يىلى ئاشكارلىنىپ، ئۇنى قەلبىدە ساقلاپ قەدىرلەپ كەلگەن خەلقنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلاندى. (بۇ مەلۇمات «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 18 - سانىغا بېسىلغان زۇلپىقارنىڭ «يېرىم ئەسىر يوشۇرۇنغان قەبرە» ماۋزۇلۇق ئوچېرىكىدىن ئېلىندى.)
شائىر مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق) ئۆزىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىجادىي پائالىيىتى ۋە مائارىپقا قوشقان تۆھىپىسى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ.