مەتنىياز مەخسۇم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تونۇلغان ئىجتىمائىي ئەرباب، مەرىپەت ئەھلى، تەرەققىپەرۋەر زات مەتنىياز مەخسۇم 1890 - يىلى قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ شاپتۇل كەنتىدە ئابدۇغۇپۇر داموللا (ئابدۇغۇپۇر )شاپتۇل( داموللام ھاجىم 1924 - يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە قەشقەرنىڭ قازىسى بولغان. ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن 1934 - يىلى مىللەتلەر مەجلىسى «كېڭەش باشلىقى» مىللىي قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولغان) ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەتنىياز مەخسۇم ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن شاپتۇل كەنتىدىكى باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپتە ۋە ئائىلىسىدە دىنىي بىلىم ئالغان. 1903 - يىلى مەتنىياز مەخسۇم ئائىلىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما باۋۇدۇن مەخسۇمدىن دىنىي بىلىم ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قازان مەدرىسىدە ئوقۇپ، شۇ زاماندىكى ياش تالىپلار ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي بىلىم ئەھلى بولۇپ يېتىلگەن.
مەتنىياز مەخسۇم 1908 - يىلىدىن 1930 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا روسىيە زىمىنىدا تىجارەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئاساسلىق مەدەنىيەت ۋە سودا شەھەرلىرىنى ئايلىنىدۇ، ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. ئۇ دەسلەپ قازاندىكى جەددى مەكتەپتە، كېيىن تاشكەنتتە ئوقۇيدۇ، رۇس تىلى يېزىقىنىمۇ پۇختا ئىگىلىۋالىدۇ.
روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلغار مەرىپەتچىلەر، تەرەققىپەرۋەرلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىدۇ. شۇنداقلا شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا ۋە خەلقنى ئىلىم - مەرىپەت يولىغا باشلاشقا قەدەم قويىدۇ.
مەتنىياز مەخسۇم 1930 - يىللىرى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت، ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ، ھەم جايلاردا دارىلئېتام (يېتىملار مەكتىپى) ۋە دارىلئاجىزىن (ئىگە - چاقىسىز، يېتىم - يىسىر، مېيىپلارنى تەمىنلەش ئورنى) قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سوۋېتنىڭ سودا تىجارەتچىلىرى بىلەن شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلىپ، كارخانا قۇرۇپ ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئىشقا ئۆزى تۇنجى بولۇپ قەشقەردىكى ئىلغار پىكىرلىك زاتلار، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەردىن ھۈسەنجان ھاجىم باشلىق بىر قانچە كىشى بىلەن بىرلىشىپ، 1931 - يىلى قەشقەردە «كىنو تەرەققىيات شىركىتى» قۇرۇپ بېرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر جۈپ كىنو ئاپپاراتى ۋە فىلىملارنى سېتىۋېلىپ «بىزنىڭ كرونىشتات» قاتارلىق ئاۋازسىز فىلىمنى قويۇپ، يەرلىك كىشىلەردىن تۇنجى كىنو مەدەنىيىتى تارقاتقۇچىلاردىن بولىدۇ. شىنجاڭغا دەسلەپ كىرگەن كىنولار ئەسلىدە ئۈرۈمچى، ئىلى، چۆچەك، قەشقەر، قاغىلىق قاتارلىق جايلارغا چەت ئەللىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەرىپىدىن 1924 - يىلىنىڭ ئالدى - ئاخىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئاي، كۈنلەردە كىرگەن ئىدى. 1934 - يىلى مەتنىياز مەخسۇم باشچىلىقىدىكى «كىنو تەرەققىيات شىركىتى» سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر جۈپ ئۈلگىلىك كىنو ئاپپاراتى (ھازىر كىنوخانىلاردا ئىشلەۋاتقان «سۇڭخۇاجاڭ» ماركىلىق چوڭ ئاپپارات ئاشۇ نۇسخىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان) سېتىۋېلىپ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ يەنئەندىكى پائالىيەتلىرى سۈرەتكە ئېلىنغان «جۇڭگو» ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى ئاتاقلىق ئۇرۇش قەھرىمانى چاپايوۋ ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم «چاپايوۋ»، «13 قەھرىمان»، «چېگرىدا»، «فرونتتىكى سادات» ناملىق فىلىملارنى دەسلەپ ئاۋازسىز، كېيىن ئاۋازلىق قويىدۇ. بۇ فىلىملار كېيىنكى ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە قويۇلىدۇ.
1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تۆمۈر ئېلى (تۆمۈر سىجاڭ) قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ يېڭى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن نو بېشىدىكى مەكتەپنى ياسىغانىدى. بۇ چاغدا مەتنىياز مەخسۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەكتەپكە خېلى ياردەملەرنى بېرىدۇ. مەتنىياز مەخسۇمنىڭ بۇ خىل مائارىپپەرۋەرلىكى كىشىلەرگە ئايان بولغاندىن كېيىن، مەتنىياز مەخسۇم ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسلىكىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
مەتنىياز مەخسۇم ئەسلىدە دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھالال تىجارىتىدىن باي بولۇپ، يۈز - ئابرۇي تاپقان ئادەم ئىدى. مەتنىياز مەخسۇم 1930 - يىللار تارىخىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىپەرۋەر زات بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ۋەتەنپەرۋەر ئىلغارلار بىلەن بىر سەپتە تۇردى، ئىلغارلار ھەرىكىتىنى قوللىدى. شۇڭا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى «قەشقەرگە قېقىلغان مىخ» دەپ ھېسابلايتتى، ئۇنى نازارەت قىلاتتى. كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالدى، جۈملىدىن ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمىدىن كېيىن ئىلىغا كېتىپ ئازاد رايوندا پاناھلاندى. ئۇ، ئۆلكە ئازاد بولغاندىلا ئاندىن ھاياتىدىن خاتىرجەملەندى.
ئۇ، ئازادلىقتىن كېيىن لىچۈن سانائەت شىركىتىگە 1500 قوي پاي قوشۇپ ئەزا بولدى. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش ۋاقتىدا كۆپلىگەن ياردەملەرنى بەردى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش زايومىنى سېتىۋېلىپ يول ياساش قاتارلىق ئىشلارغا ياردەم بەردى. شۇڭا خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئىلغار سودا تىجارەتچى دەپ مۇئامىلە قىلدى. ئۇ، 1953 - يىلى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن 63 يېشىدا ۋاپات بولدى.