UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھوشۇر ئىبراھىم

ھوشۇر ئىبراھىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ھوشۇر ئىبراھىم 1937 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ناچۇق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1947 - يىلدىن 1952 - يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، 1952 - يىلدىن 1954 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. ھوشۇر ئىبراھىم ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1951 - يىلى سابىق <جەنۇبىي تىيانشان> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <بىلىم ئىشقىدا> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىر ۋە بىر قىسىم ھېكايىلارنى يازغان. ھوشۇر ئىبراھىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <چېلىش تەنتەنىسى> ( ئابلىمىت ھاجى بىلەن بىللە، 1981 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئاق بۇژغۇن> (قۇربان ئىمىن، ۋارىسجان تۇردى بىلەن بىللە، 1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <تارىم ئۈنچىلىرى> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. ھوشۇر ئىبراھىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى