ئەمەت غوپۇرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئەمەت غوپۇرى 1921 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 1939 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقوغان. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1942 - يىلى 9 - ئايدا خوتەنگە تەقسىم قىلىنىپ، خوتەن ناھىيىلىك قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقوتقۇچى بولغان. 1945 - يىلى باھاردا ۋاپات بولغان.
ئەمەت غوپۇرىنىڭ ئوقوشقا كەلگەن ۋاقتى شىنجاڭدا ماركسىزم - لېنىنزىملىق ئىدىيە تارقىلىشقا باشلىغان، يېڭى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى، شۇنداقلا، يېڭى دېموكراتىزمىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ياش ئەمەت غوپۇرىدا ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەسنى ئويغىتىدۇ. ئۇ سوۋېت ئەدەبىياتى ۋە ئېلىمىز ھازىرقى ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىيات سېپىگە كىرىشىدە ساۋاقداشلىرى ل . مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى ۋە تەسىرىمۇ خېلى زور بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ 1940 - يىللارنىڭ باشلىرىدا شېئىر ئىجادىيىتىگە قەدەم قويىدۇ. ئۇنىڭ «يانمايمىز» دېگەن شېئىرى تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىدۇ.
شائىر ئەمەت غوپۇرىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا فاشىزمغا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىرىش ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ «يانمايمىز» ناملىق شېئىرىدا ۋە 1942 - يىلى ئېلان قىلىنغان «كۆرەش سۈبىھىسى»، «غەلىبە - بەختىمىز» قاتارلىق شېئىرلىرىدا مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەنگەنىدى. بۇ نۇقتا شائىر ئەمەت غوپۇرنىڭ بىر ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
1942 - يىلى شېڭ شىسەي يۈرگۈزگەن تېررولۇقتا ئىلغار شائىر ئەمەت غوپۇرىمۇ تەقىپ قىلىشقا ئۇچرايدۇ. ئۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەنگە ھەيدىلىپ، گومىنداڭ ساقچى ئورگانلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشايدۇ.
ياش شائىر ئەمەت غوپۇرى قاتمۇ قات نازارەت، تەقىپ قىلىشلار ئاستىدىمۇ ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ئىنقىلابىي شېئىرلىرىنى يېزىشنى، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى توختاتمايدۇ. ئۇ خوتەنگە بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يازغان «قەلەم» سەرلەۋھىلىك شېئىرىغا:
قەلەم مېنىڭ قورالىم،
نەيزە بىلەن تەڭ.
قەلەم تۇتۇپ قىلىمەن،
دۈشمەن بىلەن جەڭ»
دېگەن مىسرالارنى تىزىپ، ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە يەنە «ئۆمۈر ناياپ»، «مارت قىزىغا»، «يادىكار» قاتارلىق شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن كېچىپ، پۈتۈن ھاياتىنى خەلققە تەقدىم قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى، تەڭلىك، باراۋەرلىك غايىلىرىنى، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسىنى مەردانە جاكارلايدۇ.
شائىر ئەمەت غوپۇرىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان شېئىرلىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «گۈدۈك» توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.