UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمىر ھەسەن سەدائى

مىر ھەسەن سەدائى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەدەبىياتىمىزغا «دىۋان سەدائى» ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن شائىر مىر ھەسەن سەدائى 18 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شائىرنىڭ ئۆز يۇرتىدا قانچىلىك ياشىغانلىقى ۋە ئۇ يەردىن سىرتقا قاچان چىقىپ كەتكەنلىكى، قاچان، قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى نامەلۇم. شائىرنىڭ ئىسمى، يۇرتى ۋە تەخەللۇسى ھەققىدىكى مەلۇمات ئۇ ئۆزى قوقەند شەھىرىدە ھىجرىيە 1221 - يىلى (مىلادى 1806 - 1807 - يىللار) تۈزۈپ چىققان «دىۋان سەدائى» دىن مەلۇم. شائىر دىۋانىدا بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئۆتمەي ئىشىقنىڭ بەھرىدىن، گەر قاپ بولۇپ نەھرىدىن، بۇلاق بېشى شەھىرىدىن ئېيتىپ بارىڭ دوستلارىم.» «مىر ھەسەن ئاتىم، سەدائى دەپ ماڭا بولدى لەقەب، مەئنى يوق يا مەسلىھەت مانەندى نەقىش بورىيا.» شائىر شېئىرلىرىدا يەنە دىۋانىنى پۈتكەن ۋاقتىنى، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەللىك ياشقا يېتىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. شائىر سەدائىنىڭ شېئىرلىرىدا پاك ۋە سەمىمىي ئىشق - مۇھەببەت تۇيغۇلىرى، زۇلۇم، جاھالەت، نادانلىق ئۈستىدىكى ھەقلىق شىكايەتلەر ۋە ئىسيانكارلىق روھى ئەكس ئېتىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى خۇراپىي دىنىي ئەقىدىلەر، تەركىدۇنياچىلىق قاتارلىق پاسسىپ ئامىللاردىنمۇ خالىي ئەمەس. «دىۋان سەدائى» ھىجرىيە 1337 - يىلى (مىلادى 1918 - يىلى) موللا زەپەرشۈكۈر مۇھەممەد ئوغلى ناملىق كىشىنىڭ خىراجىتى بىلەن تاشكەنت غولام ئارىف مەتبەسىدە نەشىر قىلىنغان. شائىر ئەسىرىنىڭ ئەسلى قول يازما نۇسخىسى دۈشەنبە شەھىرىدە، تاجىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتىدا 725 - نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى