UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا سالېھ

موللا سالېھ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ھىجرىيىنىڭ 1272 - (مىلادىيە 1855) يىلى موللا ئىمىن ۋە موللا ياقۇپ تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن قول يازما توپلامغا شائىر موللا سالېھنىڭ غەزەل، مەسنىۋى، مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇستەھزاد ۋە كىچىك تىپتىكى ئىپىك شېئىرلاردىن بولۇپ جەمئىي 3500 مىسرا ئەتراپىدا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. موللا سالېھنىڭ ئۆز شېئىرلىرىغا قىستۇرۇپ ئۆتكەن بەزى مەلۇماتلاردىن، ئۇنىڭ ھىجرىيە 1157 - (مىلادىيە 1743 - 1742 -) يىللىرى تۇغۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. شۇنداقلا، شائىرنىڭ ئۆز شېئىرلىرىدا قاراقاشنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئالغانلىقىغا، ھەمدە: بىر كۈنى ئىزلەپ سوراپ كەلدى ئۇلار تاقسارىغە، بىر قونۇپ ئېلىتىپ مېنى باردى ئالىپ ئۆز سارىغە. دېگەن مىسرالاردىن شائىرنىڭ قارىقاش ناھىيىسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا قاراشلىق مەڭلەي كەنتىدىكى تاقسا مەھەللىسىدىن ئىكەنلىكىنى (بۇ شائىرنىڭ يۇرتى ياكى شۇ مەزگىللەردە تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇشى مۇمكىن) بىلىمىز. سالېھى (شائىر شېئىرلىرىدا ئۆزىنى شۇنداقمۇ ئاتىغان) شېئىرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى، ئاپتور ئۆز يۇرتىدا ۋە ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە - ھادىسىلەرنى ئۆزىنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدا بىۋاسىتە ياكى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى زامان رېئاللىقىغا بولغان ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شائىرنىڭ مۇھەببەت تۇيغۇلىرى ۋە جۇدالىق ئازابلىرى ئىپادىلەنگەن شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە بېغىشلانغان. «موللا سالېھنىڭ چېچەكنى ھەجۋى قىلغانى» سەرلەۋھىلىك مۇخەممەسىدە، شائىر ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن چېچەك ۋاباسى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ مىسلىسىز كۆپ قىرىلىپ كەتكەنلىكى، چېچەك ئەجدىھاسى بالىلارنىڭ «يۈزدىن بىرىنى قويۇپ، قالدىسىنى ئېلىپمۇ تويمىغان» لىقى، يۇرتىنى يىغا - زار، ئاھ - پەرياد، ھازا - ماتەم قاپلىغانلىقىدەك ئىجتىمائىي رېئاللىقنى چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن تەسۋىرلىدى. موللا سالېھ شېئىرلىرىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك بىزنى ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تەپسىلاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. سالېھى شېئىرلىرى تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، شېئىرىي پىكرىنىڭ روشەنلىكى، بەدىئىي ۋاسىتىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەنلىكى، ۋەزىن ۋە شېئىرىي شەكىللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن مۇھىم بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. «بۇلاق» مەجمۇئەسى ئومۇمىي 21 - سانىدا شائىرنىڭ 23 پارچە شېئىرىي ئېلان قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا سالېھ | UyghurWiki | UyghurWiki