UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۆمىن سەپرى

مۆمىن سەپرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر مۆمىن سەپىرى 1924 - يىل 12 - ئايدا كۈنەس ناھىيسىنىڭ تالدى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كۈنەستە ئوقۇپ تاماملاپ، 1941 - يىلدىن 1943 - يىلغىچە ئىلى گىمنازىيىسىدە ئوقۇغان؛ 1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، ئارمىيدە تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1950 - يىلدىن 1951 - يىغلچىە شىنجاڭ بيۇرو كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1985 - يىلغىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا چىققان. مۆمىن سەپىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1951 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <چورۇق> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ <مەجلىسلەر ماجراسى>، <زاكىر زابوي> قاتارلىق ساتىرالارنى يېزىپ دىققەتكە سازاۋەر بولغان. مۆمىن سەپىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <چېلىش ئىلھاملىرى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان. مۆمىن سەپىرى ھازىر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى