ئوسمان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئوسمان ئىسلام ئوغلى كېرەينىڭ مۇلقى قەبىلىسى، ئايتۇغان ئۇرۇقىدىن. ئۇ 1889 - يىلى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى ئوندىرقارا كەنتىدە تۆۋەن ئوتتۇرا چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1940 - يىلغىچە كۆكتوقايدا ئائىلە چارۋىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1940 - يىلغىچە كۆكتوقايدا ئائىلە چارۋىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1940 - يىلى 2 - ئايدىكى ۋە 1941 - يىلى 6 - ئايدىكى ئالتاي خەلقىنىڭ شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1941 - يىلى 10 - ئايدىن 1943 - يىلى 7 - ئايغىچە ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ باشلامچىسى، 1943 - يىلى7 - ئايدىن 1945 - يىلى 9 - ئايغىچە ئالتاي پارتىزانلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، «ئالتاي ۋاقىتلىق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ باشلىقى، 1945 - يىلى 10 - ئايدىن 1947 - يىلى 2 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى، 1946 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ (ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ ۋەكىللىرى بېتىم ئىمزالىغاندىن كېيىن) ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1948 - يىلى 2 - ئايدىن 1949 - يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغانغا قەدەر گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسنىڭ ۋالىيىسى بولغان (بۇ قورچاق ۋالىي مەھكىمە گۇچىڭدا ئىدى). 1951 - يىلى 5 - ئايد «باندىت»، «نەق ئەكسىلئىنىقلابچى» دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.