دانىش ھەنىفى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا دانىش ھەنىفى پەرزەنتى ياقۇپ ھاجى (ئۇ ئۆزىنى شۇنداق ئاتىغان) 1889 - يىلى ئاقسۇ ناھىيە قاراتال يېزا سات كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ياقۇپ ھاجى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دانىش ياقۇپ 1908 - يىلدىن 1916 - يىلغىچە قاراتال بازىرى ۋە ئاقسۇ كونىشەھەر بازىرىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقوغان، 1917 - يىلى قەشقەرگە بېرىپ خانلىق مەدرىسىكە ئوقوشقا كىرگەن.
قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئون يىلدىن كۆپرەك ئىلىم تەھلىل قىلىش داۋامىدا دانىش ياقۇپ شۇ دەۋردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا ئۆتۈلىدىغان ھەممە پەنلەرنى تولۇق ئىگىلىگەن، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىقلار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە ۋەتەن ۋە خەلقنى ئۆز قەلبىگە پۈككەن تەرەققىيپەرۋەر ۋە مەزگىللەردە باشلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە «ھەنىفى» (پاك، ساغلام ۋە مەنىسىدە) تەخەللۇسنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنى «دانىش ھەنىفى» دەپ ئاتىغان.
دانىش ھەنىفى 1929 - يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋە قۇمباش يېزىسىدىكى مەدرىسىكە مۇدەرىس بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ قازىلىقىغا، 1935 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قازى قۇززاتلىقىغا بەلگىلەنگەن، شۇ يىلى ئۇ يەنە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت - ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.
دانىش ھەنىفى شۇ يىللاردا «ئاقسۇ شىنجاڭ گېزىتى» تەسىس قىلىش ئىشىغا باشچىلىق قىلغان، ئاقسۇدا تۇنجى پەننىي ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئوقىتىش خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەكتەپنىڭ بىر قىسىم دەرسلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، خوتۇن - قىزلارنىڭ يېڭى مەكتەپلەرگە كىرىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇ يولدا ئاكتىپ تەشۋىقاتچى بولغان. ئاقسۇدىكى مەشھۇر «مىللەتلەر كۇلۇبى» دانىش ھەنىفىنىڭ سەپەرۋەرلىكى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەنە شۇ يىللاردا ئاقسۇدا ئۇيغۇر يېڭى زامان تىياتىرچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، راۋاجلىنىشى يولىدا پائال كۈچ چىقارغان. ئاقسۇ خەلقىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭدا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
شۇ يىللاردا ئاقسۇ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا كاتىپ بولغان جامال بەكرى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ دىنىي ئىلىمدە، ئىلمىي مەنتقتە كامالەتكە يەتكەن زات ئىدى. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى شېئىرىي نۇتۇق ئارقىلىق يېشىپ بېرەتتى. 1936 - يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇيۇشما ئىشخانىسىغا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىنى ھۆسن خەت بىلەن يېزىپ چاپلاپ قويۇپتۇ. ئېسمىدە قېلىشىچە، شېئىرنىڭ 1 - كۇپلېتى مۇنداق ئىدى:
دوستۇم جانابىڭ، ئىشچىمۇ سەن ساق،
گەر ئىشچى بولساڭ بۇ سۆزگە بىر باق:
دىلىڭدا ئويلا، تىلىڭدا سۆزلە،
كۆزۈڭدە كۆزلەپ، قولۇڭدا ئىشلە . . .
1937 - يىلى شېڭ شىسەي يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەدەنىيەت - ئاقارتىش ، مەرىپەتچىلىك ئېقىمىغا زەربە بېرىپ، بۇ جەريانىدا مەيدانغا چىقىپ تونۇلغان زاتلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن باستۇرغاندا، دانىش ھەنىفىمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىغان. ئۇ مەلۇم ۋاقىت نەزەربەند قىلنىغان ۋە 1938 - يىلى ئېلىنىپ، 1943 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە ياتقان.
دانىش ھەنىفىنىڭ 30 - يىللاردا ئۆز شېئىرلىرىنى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ دىۋان تۈزۈش تەرتىپى بويىچە توپلام قىلىپ رەتلەپ چىققانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ شۇ دەۋرلەردىكى يېقىن دوستى، ھازىر ئاقسۇ شەھەر چوڭ خانىقا ئىمامى مەمتىمىن ھاجى مۇنداق دەيدۇ: «دانىش داموللام تۈرمىدىن چىقىشىتىن بىر قانچە يىل بۇرۇن، مەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر كىتابپۇرۇشنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدا ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن بىر قو يازما دىۋاننى كۆرۈپ قالدىم. دىققەت قىلىپ قارىسام، ئۇ دانىش داموللامنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەرەبىي، پارسىي ۋە ئۇيغۇرچە شېئىرلىرىنى رەتلەپ تۈزۈپ چىققان دىۋانى ئىكەن. مەن ئۇ دىۋاننى كىتابپۇرۇشتىن يېرىم سەر كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدىم. دىۋاندىكى ئەرەبچە، پارسچە شېئىرلارنى ئوقويالمىساممۇ، ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ۋە ماڭا ناھايىتى يارىغان ئىتتىپاقلىق - بىرلىك ھەققىدىكى بىر شېئىرنى يادلاپمۇ ئالدىم (ئۇ شېئىر ھازىر ئېسىمدىن چىقىپ كېتىپتۇ). داموللام تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۆز دىۋانىنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قالدى. ئۇ قولغا ئېلىنىپ، ئاختۇرۇلغاندا يوقىلىپ كەتكەن بۇ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش تەپسىلاتى ۋە ئۇنى مېنىڭ قەدىرلەپ ساقلىغىنىمنى بىلىپ، ماڭا قايتا - قايتا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. مەن دىۋاننى داموللامنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەردىم.»
دانىش ھەنىفى تۈرمىدىن چىقىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قانچە يىلغىچە مۇدەرىسىلىك ۋە تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پائاليىتىنىمۇ توختىتىپ قويمىغان. مەركىزىي (ئۆلكىلىك) ئۇيغۇر مەدەنىيەت - ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان «مەدەنىيەت» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ژۇرنال خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. كىشىلەر، ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا تونۇلغان شائىرلاردىن نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى داموللام، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى، نىم شېھىت «مىڭئۆي ۋە پەرھات - شېرىن» داستانىنى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى دانىش ھەنىفىنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنغانلىقىنى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ «خەمسە نەۋائى» دىن باشلاپ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەندە، دانىش ھەنىفىدىن دائىم تەلىم ئېلىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.
1946 - يىلى دانىش ھەنىفى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنقىلابىي ئامما ۋە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» تەرەپتە تۇرۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. سايلام ھەرىكىتىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ. شۇ سايلام 18 - سېنتەبردە ئۇ ئۆزى مۇدەرىسلىك قىلىۋاتقان ئاقسۇ لەڭگەر چوڭ خانىقا ئالدىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ل . مۇتەللىپ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ، يىغىن ئاخىرى ئاممىۋى نامايىشقا ئايلىنىدۇ، نامايىشچىلار شۇ كۈنى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان «ئاقسۇ گېزىتى» نى ئۇيۇشما نامىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇنى دېموكراتىيە، خەلقچىللىق سايلام ھەرىكتىنىڭ تەشۋىقات مۇنبىرىگە ئايلاندۇرغان.
ئازادلىقتىن كېيىن دانىش ھەنىفى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى، دېموكراتىك ئىسلاھاتنى قىزغىن قوللاپ، ئاكتىپ تەشۋىقاتچى ۋە تەشكىلاتچى بولغان، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ناھىيىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغان.
دانىش ھەنىفى «سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەرىكىتى» دە قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، شەھەردىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ ئۆز يېزىسىغا كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. «مەدەنىيەت ئىنقلابى» دا بولسا، يېزىسىدىن تۇتۇپ كېلىپ، «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا مەجبۇر قىلىنغان، ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ بۇ ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەت، 1970 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولغان.
دانىش ھەنىفىنى تولۇق بىلىدىغانلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشى ۋە مېنىڭ بىر قانچە قېتىملىق تەكشۈرۈشلىرىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 40 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا «ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپى»، 50 - يىللاردا «شىنجاڭدىكى پەلسەپىۋى ئېقملار» (ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى پېشقەدەم شائىر ئەرشىدىن تاتلىق كۆرۈپ، ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.)دېگەن ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ قول يازمىلىرى ھازغىچە تېپىلمىدى. ئۇنىڭ 30 - يىللاردا تۈزگەن دىۋانىنى ئازادلىقتىن كېيىنمۇ كۆرگەنلەر بار. دانىش ھەنىفىمۇ ۋاپاتىدىن بۇرۇن يازغان خاتىلىرىنىڭ بىرىدە بۇ دىۋان ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا تۇتۇپ كېلىنكىنىدە، ئۇ دىۋاننىڭمۇ جىنايەت پاكىتى سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى يازغان. دىۋاننىڭ كېيىنكى تەقدىر ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ باشلىرىدىكى تالان - تاراج، كۆيدۈرۈشلەردىن بىر ئاماللارنى قىلىپ ساقلاپ قالغان بىر قىسىم مۇھىم كىتاب، قول يازمىلارمۇ «مەدەنىيەت ئىنقلابىي» نىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بەزىلەر تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭمۇ ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى يوق.
دانىش ھەنىفى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي مىراسلىرىنى تېپىپ خەلققە تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ تۇرماقتا.