UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئوسمان (سىجاڭ) ئېلى

ئوسمان (سىجاڭ) ئېلى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئوسمان ئېلى قىرغىز، ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن دەۋرىدە ئەسكەر بولغان. خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ كۆپ ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئاتلىق ئەسكەر كوماندىرى بولغان. قۇمۇل قوزغىلىڭى جەنۇبىي شىنجاڭغا تېز كېڭىيىۋاتقان جىددىي پەيىتتە كۇچاردا تۇرۇۋاتقان تۆمۈر ئېلى (تۆمۈر سىجاڭ) كۇچادا شايالىق ھادى ئەلەملەر بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ قىلىپ كۇچارنى ئىشغال قىلىدۇ ۋە ياڭ تۇەنجاڭ (ياڭ چىمىن) نى قوغلاپ ئاقسۇدىن ئۆتۈپ مارالبېشى ئەتراپىغا كەلگەندە، قەشقەر دوتىي ماشاۋۋۇ (مادوتەي) تۆمۈر ئېلىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزلاردىن 500 نەپەر ئەسكەر ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوسمان ئېلىنى كوماندىرلىققا بەلگىلەيدۇ. ئوسمان ئېلى ئۆز يېقنلىرىدىن ئوراز، قوشمەت، توختى قاتارلىق ئوفىتسېرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تۆمۈر ئېلىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىتتىپاق تۈزىدۇ. ئۇنىڭغا كېيىن ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن تۆمۈر ئېلىنى كۈتمەيلا، 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سەيشەنبە ئەتىگەن سائەت 7 دە، قەشقەر كونا شەھەرنى قورشىۋلىدۇ ۋە شەھەر سېپىلىنىڭ بۇلاق بېشى تەرىپىنى بۇزۇپ، ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. بۇ چاغدا پەرغانىدىن قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ پانالانغان باسمىچى سېتىۋالدىجان، يۈسۈپجان قوربېشى ۋە ئاتۇشلۇق كىچىك ئاخۇن تۇەنجاڭلار قوشۇنىنى باشلاپ ئوسمان ئېلىغا ئەل بولىدۇ. 1933 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۆمۈر سىجاڭ، 11 - كۈنى ماجەنساڭ (ماجۇڭيىڭ قىسىمىدىن) ئەسكىرى بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ (ئوسمان ئېلى قەشقەرنى ئىشغال قىلىغاندىن كېيىن ماشاۋۋۇنى ئۆلتۈرمىگەنىدى)، ماجەنساڭ قەشقەرگە كېلىپلا دوتەي يامۇلىغا چۈشىدۇ ۋە ئۆزىنى قوماندان ئاتاپ، ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئوسمان ئېلى: «زېمىن بىزنىڭ، قەشقەرنى مەن ئىشغال قىلسام، ماجەنساڭ تەييارغا ھەييار بولامدۇ» دەپ ئۇيغۇر - ئۆزبېك قوشۇنىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ماجەنساڭنى قورالسىزلاندۇرماقچى بولىدۇ . بۇ چاغلار تۆمۈر ئېلى ئارىغا چۈشۈپ ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ماجەنساڭ ئاغزىدا ھەم دېگەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلايدۇ. ماجەنساڭ ۋە چەت ئەل كونسۇللىرى يامان غەرەز بىلەن تۆمۈر ئېلى بىلەن ئوسمان ئېلى ئوتتۇرسىغا زىدىيەت سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گېنېرال تۆمۈر ئېلى 1933 - يىلى 7 - ئايدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىپ تېلېگرامما يوللايدۇ. جاۋاب تېلگىراممىدا ئېلى تۆمۈر ئېلىدىن نارازى بولۇپ قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم بايلارنى بۇلاپ تاغقا چىقىپ كېتىدۇ. تۆمۈر ئېلى 1933 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئوسمان ئېلىنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا ماجەنساڭ قىسمىغا بۇيرۇق بېرىدۇ ۋە ئارقىدىن ئۆزى چىقىدۇ. تۆمۈر ئېلى قەشقەر شەھىرىدىن ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان تورغاقلىق مازار دېگەن يەرگە كەلگەندە، ماجەنساڭ قىسىم باشلاپ چىقىپ تۆمۈر ئېلى باشلىق بەش ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈدۈپ ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالىدۇ ۋە كونا شەھەرنى ئىشغال قىلىپ دوتەي يامۇلىغا ئورۇنلىشىدۇ. تۆمۈر سىلىڭنىڭ بېشىنى سازايى قىلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئوسمان ئېلى 1933 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۇيغۇر - ئۆزبېك قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىرلا ھۇجۇم بىلەن ماجەنساڭدىن كونا شەھەرنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. ماجەنساڭ دوتەي يامۇلىنىڭ خەزىنىسىدىكى 156 چارەك ئالتۇن، 380 نەچچە مىڭ تىللا، 56 مىڭ دانە يامبۇ (ھەر بىر 50 سەرلىك جەمئىي 2 مىلىيون 800 مىڭ سەر كۈمۈش) نى ۋە كۆپلىگەن ئۈنچە - مەرۋايىت، بېرىلياتلارنى ئېلىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كىرىۋالىدۇ. ئوسمان ئېلى يېڭى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بۇ مۇھاسىرە ئۇرۇشى 156 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكىتىن، ماجەنساڭ ئەسىرگە چۈشكەن خەنزۇ ئەسكەرلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز كۈچىنى زورايتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسمان ئېلى راھەت - پاراغاتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، مافۇيۇەن ئەسكەرلىرى قەشقەرگە باستۇرۇپ كېلىپ ماجەنساڭنى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ماجەنساڭ قەشقەرنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدە قەشقەر شەھىرىدە قەتلىئام يۈرگۈزۈپ 6000 دىن ئارتۇق بىگۇنا خەلقنى قىرىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان سىجاڭ يېڭلىپ تاغقا چىقىپ كېتىدۇ. كېيىن قاقشالدا ھەرىكەت قىلىپ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئورۇنغا بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولۇپ قولغا چۈشۈپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئوسمان (سىجاڭ) ئېلى | UyghurWiki | UyghurWiki