مەھەممەت ئوسمان ھاجىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
پېشقەدەم زىيالى، جامائەت ئەربابى، تارىخ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مەھەممەت ئوسمان ھاجىم 1920 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن قەشقەردە دىنىي - پەننى مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ، 1943 - يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇ مەزگىلدە ئۆزلۈگىدىن غەربچە تىبابەت ئىلمىنى ئۆگىنىپ، كېيىن دوختۇرلۇق قىلغان. ئۇ، كۈندۈزى دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانسا، كەچتە، بوغالتىرلىق كۇرىسىدا ئوقۇپ ياخشى نەتىجە بىلەن بوغالتىر بولۇپ يېتىلگەن. 1946 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك يەرلىك ماللار شىركىتى مەھەممەت ئوسمان ھاجىمنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، شىركەت بوغالتىرى قىلغان. مەھەممەت ئوسمان ھاجىم بوغالتىرلىق قىلىش جەريانىدا، شىركەت تېخنىكىلىرىدىن تېرە - ئۈچەي، يۇڭ، پاختا قاتارلىق سانائەت خام ئەشيالىرىدىن پىريوم قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان ۋە قوشۇمچە پىريومنىك بولغان. كېيىن يەرلىك ماللار شىركىتىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىن مال سېتىۋالغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۆزىمۇ قوشۇمچە تىجارەت قىلغان.
1949 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە تەكلىپ قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. كېيىن ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا قۇرۇلغان بولۇپ، كۇتۇپخانىدا 1998 - يىلىغىچە ئىشلىگەن. كۇتۇپخانىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، ئەدەبىيات، تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقىپ ئۆزلىكىدىن پارس ئەرەب، تۈركى تىللارنى خېلى پىششىق ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن 1956 - يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ <تۇردۇش ئاخۇن غەربىي>، <ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا>قاتارلىق تارىخىي شەخىسلەر، <ھەزرىتى موللام (مەھمۇت قەشقىرى) مازارى>، <ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى>، <كۇتۇپخانىچىلىق ئىلمى توغرىسىدا>، <ئەخلاق بىغىدىن گۈلدەستىلەر>، <ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى توغرىسىدا>، <سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىمادىدىن قەشقىرى بىلەن بولغان سۆھبىتى>، <مەشھۇر تېۋىپ يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى> قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا <گۈلخۇمار> ناملىق پوۋېسىتنى يېزىپ ئېلان قىلدى.
مەھەممەت ئوسمان ھاجىم خەلقنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان تارىخ - ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە نۇرغۇن تارىخىي، ئەدەبىي مىراسلارنى يىغىپ ساقلاپ، جەمئىيەتنى تەمىن ئەتكەن، يىغىپ ساقلاشتىكى تارىخنىڭ تىرىك شاھىدى. شۇ كۈنلەردە قەشقەردە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇنى ئىزدەيدۇ. مەھەممەت ئوسمان ھاجى ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي بىر تەرەپتىن، جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، زېرىكمەي ئىزدىنىپ، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن چوڭراق بىر ئىش قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە <ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى> ۋە <ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى> ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.