سۇلتان سەئىدخان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر سۇلتان سەئىدخان 1490 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئىدى.
سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ تەخت تالىشىش ئۈچۈن قوزغىغان سۇيىقەستلىك جەڭگى _ جېدەللىرى ئىچىدە ئۆتتى. ھىجرىيە 915 - يىلى (مىلادىيە 1058 - 1059 - يىللار) ئۇ بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ قىزلىرىدىن تۇغۇلغان نەۋرە تۇغقىنى، ھىندىستاندا بۈيۈك مۇغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر (1483 - 1530 - يىللار) نىڭ قېشىدا تۇرۇپ تەربىيە ئالدى. سەئىدخان 1512 - يىلىنىڭ بېشىدا ئەنجانغا بېرىپ، تالاس، نارىن، ئىلى دەرياسى بويلىرى، ئىسسقكۆل ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فەرغانە ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا خان بولدى ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەردىكى ئابابەكرى مىرزىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەشقەر سۇلتانلىقىنى قۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي خانلىق مەركىزىنىڭ يەكەنگە يۆتكىلىشى بىلەن، بۇ خانلىق «يەكەن خانلىقى» دەپ ئاتالدى. بۇ خانلىق يەنە ئۆز قۇرغۇچىسىنىڭ نامىغا باغلىق ھالدا «سەئىدىيە خانلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يەكەن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سەئىدخان كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن خانلىقىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇزۇن يىللىق تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرى، بۆلۈنۈشلەر نەتىجىسىدە ۋەيران بولغان ئىگىلىك ئەسلىگە كېلىپ، دۆلەتتە تىنچ _ مۇقىملىق، گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. سۇلتان سەئىدخان ئۆزى شائىر، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئۇيغۇر ۋە فارىس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىر يازغانلىقى مەلۇم. لېكىن ئۇنىڭ ئىجادىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگىنى پەقەت شاھ مەھمۇد جۇراس تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى رەشىدى (زەيلى) » غا خاتىرىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە شېئىرىدىن ئىبارەت. مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان بۇ شېئىرلاردا ئۇ ھۆر _ پەرىلەرنى ئەمەس، بەلكى رېئال ھاياتتىكى قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى مەدھىيلەيدۇ، شائىرغا جەننەت ھۆرلىرى ئەمەس، بەلكى مامات بولغان جىسىمنى شېرىن سۆزى بىلەن تىرىلدۈرىدىغان ھەقىقىي گۈزەللەر كېرەك. شائىرنىڭ رەمەل بەھرىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى غەزىلىدىن ئۇنىڭ شېئىرىي تەپەككۇرى ۋە بەدىئىي ماھارىتىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈنلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزەڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار؟
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار؟
ھۈر بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
يارنڭ كويىدا يۈز مىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.
لەئىلىدىن خەتتى بۇدۇر ھەردەم تىرىكلىككە نىشان،
خۇش نىشانىدۇركى ئىككى قاشىدىن توغراسى بار.
بىر سۇچۇك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسىمىمە بەردىك ھايات،
لەئلى جان بەخشىڭدە گوياكىم مەسھ ئەنفاسى بار.
يۈزى ئۆزرە كاكۇل ۋە زۇلفىن پەرىشان كۆر گەلى،
ئى سەئىد ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەپ سەۋداسى بار.
سۇلتان سەئىدخاننىڭ «شۈكرلىللا ھالەتىم زاھىر بولۇپتۇر يارغە، ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتەي ئەغيارغە.» دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان ئىككىنچى غەزىلىدە، يار ۋەسلىگە يېتىپ مۇرادى ھاسىل بولغان ئاشىقنىڭ شادلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، غەزەل ئۆزىنىڭ ئوبرازلىق تىلى، ئىپادىلەش سەنئىتىدىكى گۈزەل ئوخشىتىش ۋە باشقا مەجازى ۋاستىلىرى ، مول تەسەۋۋۇر كۈچى كىشىگە بەلگىلىك ئېستېتىك زوق بېغشلايدۇ.
سۇلتان سەئىدخان مىلادىيە 1533 - يىلى تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە ۋاپات بولدى.