UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمازۇچاڭ

مازۇچاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە (1279 - 1368) ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاپ، ئېلىمىز مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە مازۇچاڭنىڭ نامى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. مازۇچاڭ (1278 - 1339) تونۇلغان ئەدىب ۋە خەلق شائىرى بولۇپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يېزىلغان تارىخنامىلەردىن ئورۇن ئالغان. مازۇچاڭ ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشىپ ئىلىم ئىگىلىگەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى، مازۇچاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ خەنزۇچىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن. كېيىن يۇرت ئىمتىھانىدا ئىككىنچى بولۇپ، جاڭ گۇڭلىننى ئۇستاز تۇتقان. بىر مەزگىل نامراتلىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېرىقچىلىق قىلغان. بۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، زالىم، تەييارتاپ ئەمەلدارلارنىڭ چىرىك تۇرمۇشىنى پاش قىلىشتەك خەلقچىللىق ئىدىيىسىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىغا تۈرتكە بولغان. ۋاڭ شۇچىڭ مازۇچاڭنىڭ «شتيەن توپلىمى» غا يازغان كىرىش سۆزىدە: «مازۇچاڭ 30 ياشقا كىرە - كىرمەي تۇرۇپلا ئاجايىپ كاتتا ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان ...... ئۇنىڭ بۇ (شتيەن توپلىمى) ھەقىقەتەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. بۇنىڭدا كىشىلەر ئەزەلدىن شېئىرلىرىغا ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سۆزلەر ئاز بولغاننىڭ سىرتىدا، يېڭى سۆز، يېڭى شەكىللەر ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇ بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالدى» دەپ يازغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىب سۇتيەنجۇ (يۈەن سۇلالىسى ئەدەبىياتى تۈرلىرى) دېگەن كىتابنى تۈزگەندە، ئۇنىڭغا مازۇچاڭنىڭ 160 كۇپلېت شېئىرىنى، يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تاللاپ كىرگۈزگەن. مازۇچاڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ھەجمى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ «پايتەخت قوۋۇقىغا بېغىشلانغان 100 بېيىت» دېگەن شېئىرى مىڭ سۆزلۈك، «ئىرادە ھەققىدە 80 بېيىت» دېگەن شېئىرى 800 سۆزلۈك ئىدى. بۇ شېئىرلارنى ئاتاقلىق شائىر دۇفۇنىڭ «شىمالغا سەپەر» ناملىق شېئىرىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. مازۇچاڭ يەنە كۆپلىگەن تارىخىي شېئىرلارنى يازغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «يىللار خاتىرىسى»، «قارىغايلىق ھۇجرا خاتىرىسى ۋە «شتيەن توپلىمى» قاتارلىقلار داڭلىق ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «شتيەن توپلىمى» يۈەن سۇلالىسى دەۋرى ئەدەبىياتىدا ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەر بولۇپ، مەزمۇنى مول، تېمىسى كەڭ، ئىدىيىۋى مەزمۇنى ساغلام ۋە ئىلغار ئىدى. ئۇنىڭ بەش جىلىد شېئىرى، ئون جىلىد نەسرىي ماقالىسى بار ئىدى. مازۇچاڭ يەنە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخچى، تەرجىمانلاردىن بولۇپ، «يىڭزۇڭ خان ھەققىدە خاتىرە» نى يېزىشقا، «پادىشاھ رەسىمىنىڭ بۈيۈك نۇسخىسى»، «چىڭخۇاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» غا ئوخشاش داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى