UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىپەرىدۇن خوجا

پەرىدۇن خوجا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى بەھران خوجا ئىمىن خوجىنىڭ 8 - ئوغلى بولۇپ، لۈكچۈن ۋاڭلىق تارىخىدا ئەمەل تۇتمىغان. 1814 - يىلى قەشقەرنىڭ ھاكىمبېگى يۇنۇس بەگ ئىلى جاڭجۈنى سۇڭ يۈەن تەرىپىدىن جىنايىتى بار، دەپ قارىلىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئوردا ئەمىرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۇنۇسبەگنىڭ ئورنىغا كىمنى جۈنۋاڭ قىلىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىمىن خوجىنىڭ 7 - ئوغلى پەرىدۇن ئەسلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيجىلىك مەنسىپى بېرىلىپ، تۇرپاندا ئولتۇراقلاشقانىدى. تالاش - تارتىش نەتىجىسىدە پەرىدۇن خوجا جۈنۋاڭلىققا تاللىنىپ، قەشقەرنىڭ ھاكىمبېگى بولىدۇ. ۋە بىر يىلغا يېقىن تەختتە ئولتۇرۇپ 1815 - يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى