UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىماخمۇت مۇھەممەت

ماخمۇت مۇھەممەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە شائىر ماخمۇت مۇھەممەت 1952 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەرەمباغ مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1958 - يىلدىن 1970 - يىلغىچە نىلغا ناھىيسىدە ۋە غۇلجا شەھىرىگە تەۋە قارا دۆڭ يېزىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ، 1980 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، رادىئو ئىستانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن، ھازىر ئىلى ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1965 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <غۇنچە بىز> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، كۆپ داستانلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <گۈزەل قىرغاق>، <ئايالىمنىڭ دوستى>، <سالام يەتكۈزۈش>، <مەڭگۈلۈك ھەسرەت>، <نەزمەت كۆلەڭگۈنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى>، <سالچىنىڭ ئوغلى> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ماخمۇت مۇھەممەت يەنە دەرۋىمىزدىكى داڭلىق خەلق قىزىقچىسى، چاقچاقچىسى ھېسامنىڭ چاقچاق - قىزىقچىلىقلىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، ھازىرغىچە <ھېسام چاقچاقلىرى> ناملىق بەش پارچە كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <سالچىنىڭ ئوغلى> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئاھ، يانتۇ سۈرەت> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <سومكىدىكى جېدەل> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئاخىرقى كۈلكە> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <كۆزلەر سۆزلەيدۇ> (1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ھاياتتا شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن> (1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى بار. ئۇنىڭ يەنە <قوڭغۇراق> (3198 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئالتۇن مۇنار> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <چەشمىلەر> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلاملىرىمۇ نەشر قىلىنغان. ماخمۇت مۇھەممەت ھازىر كاندىدات تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى