تاش مامۇت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
دراماتورگ ۋە دۇرنالىست تاش مامۇت 1942 - يىل 8 - ئايدا يېڭىسار ناھىيسىنىڭ چولپانئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 1958 - يىلدىن 1964 - يىلغىچە مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياكى 1973 - يىلغىچە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە ئاكتيورلۇق ۋە تىياتىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. تاش مامۇت 1973 - يىلدىن 1981 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن، 1981 - يىلدىن ئېتىبارەن <شىنجاڭ سەنئىتى> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولغان.
تاش مامۇتنىڭ دراما ئىجادىيىتى 60 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <يېڭى باھار رىشتىسى>، <ئۆگەي بالىمۇ بىلىم ئالسۇن>، <كۈتۈلمىگەن كۈيئوغۇل>، <مەستانە> قاتارلىق درامىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلان قىلىنغان ھەم ئوينالغان. ئۇ يەنە زوردۇن سابىرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسى ئاساسىدا <ئىھ، توپىلىق يول> ناملىق كىنو سىيارىيىسىنى يېزىپ، ئېلان قىلغان.
تاش مامۇتنىڭ يەنە سەنئەت تەتقىقاتىغا دائىر بىر مۇنچە ماقلىلىرى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.
تاش مامۇت ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.