سادىر پالۋان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سادىر 1798 - يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۈزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.
سادىر كىچىكىدىن شوخ - تېتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا - مۇشەققەتتىمۇ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن زالىمغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە بولغان سۆيۈنۈشى كىچىكىدىن پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرد - ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن باتۇر ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يىتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان. پېشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆسىلىك، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق ئۇستا قوشاقچى ئىدى. سادىر قاتمۇ قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئېغىر ئالۋان - ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، مەزلۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغلاردا ئالۋان - ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل - جېزىرىلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى «قاچاقلار» دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھېمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ «قاچاقلار» نى قوزغاپ ئوقيا، نەيزە، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ «سادىر پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ.
سادىر پالۋان 1864 - يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پۇجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يۇرىقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان.
پايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىغا لەغمە كولاپ بېرىپ دورا كۆمۈپ سېپلنى پارتلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يۇچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.
1867 - يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.
خەلق ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمى باتۇر پەرزەنتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.